- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
پاكىستان ھىندىستانغا ياخشى نىيىتىنى بىلدۈردى
2014.05.26 17:12 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
پاكىستان ھۆكۈمەت دائىرلىرى 25-ماي مۇنداق دېدى: پاكىستان زۇڭلىسى شېرىف ھىندىستان يېڭى زۇڭلىسىنىڭ ۋەزىپە تاپشۇرۋېلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشتىن بۇرۇن، ياخشى نىيىتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، پاكىستان دائىرلىرىنىڭ 59 نەپەر قاماقتىكى ھىندىستانلىقنى قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
پاكىستان ھۆكۈمەت دائىرلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، قاماقتا تۇرىۋاتقان بۇ ھىندىستانلىقلارنىڭ كۆپ قىسمى بېلىقچى ئىكەن، ئۇلار پاكىستاننىڭ دېڭىز ساھىلىغا قانۇنسىز كىرىپ، بېلىق تۇتقانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلغان ئىكەن. ئۇلار 26-ماي ھىندىستان دائىرلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىلىدىكەن.
ھىندىستان-پاكىستان ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا تېخى ئېنىق دېڭىز چىگراسى يوق. تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان دېڭىز ساھىلىدە ئادەتتە بېلىقچىلار چىگرادىن قانۇنسىز ئۆتتى دېگەن سەۋەب بىلەن قارشى تەرەپ تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىدۇ. ئىككى دۆلەت مۇشۇ ئىش سەۋەبلىك كۆپ قېتىم سۆزلەشكەن، لېكىن ئىزچىل ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلالمىغان ئىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر