باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

لىتۋادا زۇڭتۇڭ سايلىمىغا ئىككىنچى قېتىم ئاۋاز بېرىلدى

2014.05.26 17:10         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  لىتۋادا 25-ماي زۇڭتۇڭ سايلىمىغا ئىككىنچى قېتىم ئاۋاز بېرىلدى، ھازىرقى زۇڭتۇڭ دالىيا گرىبائۇسكەيت ۋە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ نامزاتى سېگارمانتاس بارچىدىس يېڭى زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى تالىشىدۇ.

  لىتۋا مەركىزى سايلام كومىتېتى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى زۇڭتۇڭ سايلىمىغا تىزىملاتقان لاياقەتلىك سايلىغۇچى ئىككى مىليون 550 مىڭ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تەخمىنەن 52.23 پىرسەنت سايلىغۇچى تۇنجى قېتىمقى ئاۋاز بېرىشكە قاتناشقان.

  لىتۋا زۇڭتۇڭىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بەش يىل بولىدۇ، ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ ئىككى نۆۋەت ۋەزىپە ئۆتەيدۇ. 2009-يىلىدىكى سايلامدا پارتىيە گۇرۇھسىز زات گرىبائۇسكەيت تەخمىنەن 68 پىرسەنت ئاۋازغا ئېرىشىپ زۇڭتۇڭ بولغان ئىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر