باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئافغانىستاننى مەخپىي زىيارەت قىلىپ، ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسىدىكى ئوفېتسىر-جەڭچىلەر بىلەن كۆرۈشتى

2014.05.26 17:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 25-چېسلا كەچتە ئافغانىستاننى مەخپىي زىيارەت قىلغان.

  شۇ كۈنى كەچتە «ھاۋا ئارمىيە-1» ناملىق ئايروپىلان ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئاساسلىق بازىسى ‐‐ باغرام ئايرودۇرۇمىغا قونغان. ئوباما بۇ يەردە نەچچە سائەت توختاپ، ئامېرىكا ئارمىيەسى ئەسكەرلىرىگە سۆز قىلغان ۋە بازا دوختۇرخانىسىغا بېرىپ يارىدارلارنى يوقلىغان.

  خەۋەردە ئېيتىلىشچە، ئوباما «قازا قىلغان ئوفېتسىر-جەڭچىلەر خاتىرە كۈنى» ھارپىسىدا ئافغانىستاننى مەخپىي زىيارەت قىلىشتىكى مەقسىتى ئاساسلىقى ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشتىن بۇرۇن ئامېرىكا ئوفېتسىر-جەڭچىلىرىنى يوقلاش بولۇپ، ئافغانىستان زۇڭتۇڭى كارزائى بىلەن كۆرۈشۈش پىلانى يوق ئىكەن. جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر