- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


پۇتىن: رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتى يېڭى باسقۇچقا كىردى
2014.05.26 11:19 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 24-ماي 18-نۆۋەتلىك سانكىت پېتىربورگ خەلقئارا ئىقتىساد مۇنبىرىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن دۇنيادىكى مۇھىم تاراتقۇلارنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى: رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتى يېڭى باسقۇچقا كىردى، ئىككى دۆلەت نۇرغۇن ساھەلەردە ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدۇ.
پۇتىن مۇنداق دېدى: رۇسىيە بىلەن جۇڭگو ھاسىل قىلغان تەبىئىي گاز كېلىشىمى تارىخىي خاراكتېرىغا ئىگە بولۇپ، ئىككى تەرەپكە نىسبەتەن غايەت زور ئەھمىيەتكە ئىگە. پۇتىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيە بىلەن جۇڭگو يادرو ئېنېرگىيەسى، ئاۋىياتسىيە، ئالەم قاتنىشى، تاشقى ھاۋا بوشلۇقىدا ئىزدىنىش، داۋالاش سەھىيە، پۇل مۇئامىلە، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى داۋاملىق كۈچەيتىدۇ.
پۇتىن يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كېلەر يىلى رۇسىيە جۇڭگو بىلەن بىرگە فاشىزمغا قارشى ئۇرۇش غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقنى خاتىرلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ، مەن كىشىلەرنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىبارەت بۇ تارىخىي ئاپەتنى ئەستە چىڭ ساقلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر