- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


مىدۋىدىۋ: جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ تەبىي گاز ھەمكارلىقى غايەت زور مۇۋەپپەقىيەت
2014.05.26 11:19 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
رۇسىيە زۇڭلىسى مىدۋىدىۋ 24-ماي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ شەرقىي لىنىيە تەبىي گاز ھەمكارلىق كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىشى بىر تۈرلۈك غايەت زور مۇۋەپپەقىيەت، بۇ رۇسىيەنىڭ دۇنيا ئېنېرگىيە بازىرىدىكى ئورنىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەيدۇ.
مىدۋىدىۋ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى بازارنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى ناھايىتى تېز بولۇپ، رۇسىيەنىڭ ئەڭ چوڭ بازارىغا ئايلىنىشىدىن ئۈمىد بار.
ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيە ياۋروپا بىلەن بولغان تەبىئىي گاز ھەمكارلىقىغا ئىزچىل ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، ياۋروپا بازىرى رۇسىيەگە نىسبەتەن ناھايىتى مۇھىم.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر