- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئۇكرائىنادا زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى
2014.05.26 11:07 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭ سايلىمى 25-ماي ئۆتكۈزۈلدى، ئاۋاز بېرىش شۇ يەر ۋاقتى سائەت سەككىزدە باشلاندى، سائەت 20دە ئاياغلىشىدۇ.
ئۇكرائىنا مەركىزى سايلام كومىتېتى يېقىندا مۇنداق دېدى: ئاۋاز بېرىش قىرىمدىن باشقا ئۇكرائىنانىڭ ھەممە رايونلىرىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. سايلامنىڭ بىخەتەر تەرتىپلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۇكرائىنا دائىرىلىرى نۇرغۇن ساقچى ئاجراتتى. 52 مىڭ ساقچىدىن باشقا، دۆلەتلىك جىددىي ئەھۋال تارمىقىنىڭ 11 مىڭ خادىمى، ساقچى مەكتەپنىڭ 11 مىڭ ئوقۇغۇچىسى ھەمدە 16 مىڭ پىدائىي ۋەزىپە ئۆتىدى. ئۇكرائىنا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى يەنە تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، تېز ئىنكاس قايتۇرۇش گۇرۇپپىسى قۇردى. بۇنىڭدىن سىرت يەنە 3500 دىن ئارتۇق خەلقئارالىق كۆزەتكۈچى بۇ قېتىمقى سايلامنى نازارەت قىلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر