- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


پۇتىن: غەربنىڭ جازاسى دۇنيا ئىقتىسادىغا تەۋرىنىشى پەيدا قىلىدۇ
2014.05.26 11:05 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن تۈنۈگۈن سانكىت پتىربورىگتا 18-نۆۋەتلىك سانكىت پېتىربورگ خەلقئارا ئىقتىساد مۇنبىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن دۇنيادىكى ئاساسلىق تاراتقۇلارنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى: غەرب ئەللىرىنىڭ رۇسىيەگە قاراتقان جازاسى ئىجابىي ئەمەس، بۇ دۇنيا ئىقتىسادىدا غايەت زور داۋالغۇش پەيدا قىلىدۇ. پۇتىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۇرغۇن چەتئەل كارخانىلىرى رۇسىيەگە مەبلەغ سېلىشنى خالايدۇ. ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى ئامما رۇسىيەنى جازالاشنى قوللىمايدۇ. بەلكى ئەلرايى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ ئاساسىي دەپ قارايدۇ.
پۇتىن مۇنداق دېدى: رۇسىيە غەرب ئەللىرى بىلەن باراۋەر، ئادىل سۆزلىشىپ، تىنچلىق شەكلى ئارقىلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ھەمكارلىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
18-نۆۋەتلىك سانكىت پېتىربورگ خەلقئارا ئىقتىساد مۇنبىرىغا جەمئىي 70دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايوندىكى ھەر ساھە زاتلىرى قاتناشتى، جۈملىدىن 140دىن ئارتۇق دۇنيادىكى داڭلىق كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرىمۇ بار.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر