باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خەلقئارا جەمئىيەت ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش مەۋقەسىنى كۈچلۈك ئەيىبلىدى

2014.05.26 10:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە 22-ماي تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ قازا قىلىش ۋە يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، خەلقئارا جەمئىيەت بۇ تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن ئىنتايىن چۆچۈگەنلىكىنى ھەمدە بۇنى كۈچلۈك ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى مۇنداق دېدى: رۇسىيە، جۇڭگونىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە 22-ماي يۈز بەرگەن زوراۋانلىق تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش دېلوسىنى كۈچلۈك ئەيىبلەيدۇ. رۇسىيە - رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ تۈرلۈك شەكىللەردىكى تېررورلۇققا ۋە ئەسەبىيلىككە زەربە بېرىش ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەشنى خالايدۇ.

  شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: تېررورلۇققا زەربە بېرىش شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئالدىنقى يۆنىلىشى، خەلقئارا جەمئىيەت ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە ئۈنۈملۈك زەربە بېرىشى كېرەك.

  ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى كۈچلۈك ئەيىبلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: پۇقرالارغا قارىتىلغان بارلىق زوراۋانلىق ۋە ئەسەبىي ھەرىكەتلەر، مەيلى قايسى جايدا يۈز بېرىشدىن قەتئىينەزەر ئەيىبلەشكە ئۇچرىشى كېرەك.

  ۋېيېتنام دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مۇنداق دېدى: ۋېيېتنام ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن پارتلىتىش دېلوسىنى كۈچلۈك ئەيىبلەيدۇ. پارتلىتىش كۆپلىگەن بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ قازا قىلىش ۋە يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بىز جۇڭگو خەلقىدىن ۋە قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن چوڭقۇر ھال سورايمىز ھەمدە قاتىلنىڭ قاتتىق جازالىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر