باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

قارا سۈركەش قىلمىشى ھەق-ناھەقنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ(2)

2014.05.22 16:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو-ئامېرىكىنىڭ توردا مەخپىيەتلىكنى ئوغرىلىشى ۋە نازارەت قىلىش، ئوغرىلىقچە ئاڭلىشىنىڭ ئېغىر زىيىنىغا ئۇچرىغۇچى. ئاشكارىلانغان نۇرغۇن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تارماقلىرى، ئورگانلىرى، كارخانا، ئالىي مەكتەپ، شەخسلەرگە تور ھۇجۇمى قىلىپ كەلگەن ھەم ئوغرىلىقچە ئاڭلاپ نازارەت قىلغان. جۇڭگو بۇ ھەقتە كۆپ قېتىم ئامېرىكا بىلەن قاتتىق سۆزلىشىپ، ئامېرىكىدىن بۇنىڭغا ئىزاھات بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا ئەزەلدىن بۇنىڭغا ئەستايىدىل جاۋاب قايتۇرمىدى.

  ھازىر ئامېرىكا قىلچىمۇ ئاساسسىز ھالدا ئوتتۇرىغا چىقىپ، جۇڭگو ئارمىيەسىنى توردا سودا مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلىدى دەپ ئەيىبلىدى، بۇ پەقەت ئاساسى يوق گەپ، خالاس. ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلىدىغان كىشىلەرگە شۇنىسى ئايانكى، ئامېرىكىنىڭ بۇ قىلمىشى پەقەت ئۆزىنىڭ خىيالى بىلەن باشقىلارغا باھا بېرىشتىن ئىبارەت. ئون نەچچە ئىلگىرى، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئاشكارىلانغان ھۆججىتىدە، ئامېرىكا ئاخبارات تارمىقىنىڭ توردا مەخپىيەتلىك ئوغرىلاش ئارقىلىق، ئامېرىكا شىركەتلىرىگە مۇلازىمەت قىلغان مىساللىرى كۆرسىتىلگەن. تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ئىلگىرى ئايروباس شىركىتى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانى ھۆكۈمىتىنىڭ سۆھبەت ئۇچۇرىنى قولغا چۈشۈرگەن ھەم بۇ ئۇچۇرلارنى بوئېن ۋە مىكدوننېل شىركىتىگە بەرگەن. 2013-يىلى ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ بىرازىلىيە دۆلەتلىك نېفىت شىركىتىنى ئوغرىلىقچە ئاڭلاش ۋەقەسى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى روسسېف ئامېرىكىنىڭ نازارىتى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك ياكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەقسىتى بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ، ئۇنىڭغا ئىقتىساد ۋە ئىستراتېگىيە غەرىزى يوشۇرۇنغان دېدى.

  نۇرغۇن پاكىتلار شۇنى كۆرسەتتىكى، ئامېرىكا تورنى پۈتۈن دۇنيانى نازارەت قىلىش ۋاسىتىسىغا ئايلاندۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە تور بوشلۇقىنى ئۆزىنىڭ قۇدرەتلىك ئورنىنى مۇستەھكەملەشنىڭ قورالى قىلىۋالدى. گەرچە ئامېرىكا بۇ ھەقتە تورنى دۇنياغا كېڭەيتىدىغان قوش ئۆلچەم بىلەن كىشىلەرگە پوپوزا قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئاخىرىدا ئامېرىكىنىڭ ئوغرى ئوغرىنى تۇت دەپ ۋارقىرايدىغان خۇدۈكسىرىشىنى يېپىپ قالالمايدۇ، ھەق-ناھەقنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر