- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئامېرىكا 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئاجرىتىپ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق ئاخبارات مەركىزىنىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈردى
2014.05.21 08:40 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
رۇسىيە ئاۋازى رادىئو ئىستانسىسىنىڭ 18-ماي خەۋەر قىلىشىچە: ئامېرىكا 317 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئاجرىتىپ ئۆزىنىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق ھەربىي بازىسىنىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۇنى ئۆز زېمىنىدىن باشقا جايدا تۇرۇشلۇق ئەڭ چوڭ ئاخبارات مەركىزىگە ئايلاندۇرۇشىنى پىلانلىغان.
ئەنگلىيەنىڭ شىمالىي ئامپىتون خان جەمەتى ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق خەۋەرلىشىش پونكىتى بار، بۇ بازا ئامېرىكىدا تالاش-تارتىش بولىۋاتقان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنىڭ ئۇرۇش قىلىشنى قوللايدىغان بولۇپ، يەمەن، ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جايلاردا بازا تەشكىلاتى قۇراللىق كۈچلىرىگە زەربە بېرىدۇ.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ بازانى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش خىزمىتى 2017- يىلى ئاخىرلىشىدىغان بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا ياللانما خادىم 1250 گە يېتىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر