خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 20-ماي ئەتىگەن سائەت 4 تىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە، روسىيە پرېزدېنتى پۇتىن شاڭخەيگە يېتىپ كەلدى. جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، پۇتىن 20-ۋە 21-ماي كۈنلىرى جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ ھەم شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاسىيا ئۆز ئارا ھەمكارلىق ۋە ئىشىنىش چارىلىرى يىغىنىنىڭ 4-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.
تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى