باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ھىندىستان يېڭى ھۆكۈمىتى ئىقتىساد بىلەن دىپلوماتىيەنى قانداق يۈرۈشتۈرىدۇ؟(1)

2014.05.19 16:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىر ئايدىن كۆپرەك داۋاملاشقان ھىندىستان خەلق پارلامېنتى، يەنى پارلامېنت تۆۋەن پالاتاسى سايلىمىنىڭ نەتىجىسى ئاخىرى 16-ماي ئاشكارىلاندى، ھىندىستان خەلق پارتىيەسى مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن غەلىبە قىلدى. تەرەققىيات، بازارغا مايىل دەپ ئاتالغان بۇ پارتىيەنىڭ رەھبىرى مودى ھىندىستاننىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك زۇڭلىسى بولىدۇ.

  گەرچە سايلامدىن بۇرۇنقى تۈرلۈك ئەلرايىنى تەكشۈرۈشتە، ھىندىستان خەلق پارتىيەسىنىڭ سايلامدا غەلىبە قىلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇنداق كۈچلۈك ئەلرايى بىلەن قوللاش نىسبىتى يەنىلا ئاممىنىڭ ھىندىستان خەلق پارتىيەسى، بولۇپمۇ مودىغا بولغان مۇنداق ئىككى چوڭ ئۈمىدىنى كۆرسىتىپ بەردى: 1-ئىسلاھاتنى تەلەپ قىلىش، ئامما بىر ئىقتىدارلىق ھۆكۈمەتنىڭ ھىندىستان ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈپ، چىرىكلىك ۋە پۇل پاخاللىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىنى كۈتمەكتە؛ 2-ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇقىملاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىش، ئامما ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان پارتىيەنىڭ زېھنى كۈچىنى يەرلىك پارتىيەلەر بىلەن سودىلىشىشقا سەرپ قىلماستىن، بەلكى بىر كۈچلۈك، مۇقىم ھۆكۈمەت تەشكىللەپ، زېھنى كۈچىنى تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدىنىش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلماقتا.

  رىقابەت مەزگىلىدە، مودى سايلىغۇچىلارغا يېڭى ھىندىستان قۇرىمەن دەپ ۋەدە بەرگەن، بۇ-بىر يۇقىرى ئۈنۈملۈك، زامانىۋىلاشقان ھۆكۈمەت قۇرۇش، چىرىكلىكنى يىلتىزىدىن يوقىتىش، پۇقرالارنىڭ كىرىمىنى ئۆستۈرۈش، ھىندىستاننى تېخىمۇ كۆپ، ئازادە يوللارغا ئىگە قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنداقتا، مودى ھۆكۈمىتى ھىندىستان سايلىغۇچىلىرىنىڭ ئۆزىدىن كۈتكەن ئۈمىدىگە جاۋاب قايتۇرالامدۇ-يوق؟ بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، ھىندىستاننىڭ پاي بازىرىدا ئۆزلۈكسىز يېڭى رېكورت يارىتىلدى، بومباي پاي بازىرىدىكى سەزگۈر 30 كۆرسەتكۈچى ھەتتا سايلام نەتىجىسى ئېلان قىلىنغان كۈنى بىراقلا 25 مىڭ نۇقتىدىن ئېشىپ، قىسقا مەزگىلدىكى بازارنىڭ مودىغا بولغان تولۇق ئىشەنچىسىنى شەك-شۈبھىسىز كۆرسىتىپ بەردى.

  ئۇزاقتىن قارىغاندا، مودى ئەگەر بۇنداق يۇقىرى قوللاش نىسبىتىنى ساقلاپ قالىمەن دەيدىكەن، ئۇنداقتا ئىقتىساد بىلەن دىپلوماتىيەدىن ئىبارەت ئىككى كوزىرنى ياخشى باشقۇرۇشى ئىنتايىن مۇھىم. مودى ھۆكۈمىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، باش ۋەزىپە-ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش، سودىغا مەبلەغ سېلىشقا ياخشى مۇھىت ھازىرلاش. بۇ-تېخىمۇ قولايلىق مەبلەغ سېلىش سىياسىتى چىقىرىشقا موھتاج بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى ھىندىستاننى كۆپ يىل ئاۋارە قىلىپ كەلگەن ئۇل ئەسلىھە قالاق بولۇش قاتارلىق كونا، قىيىن مەسىلىلەرنى تېزدىن ھەل قىلىشقا موھتاج.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر