باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مىسىر زۇڭتۇڭ سايلىمىدىكى رىقابەتچىلەر كەسكىن تىركەشمەكتە(1)

2014.05.19 16:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مىسىر زۇڭتۇڭ سايلىمى تەشۋىقات ۋاقتىنىڭ يېرىمى ئۆتۈپ كەتتى، ئىككى نامزات ئۆزلىرىنىڭ كۈچىنى كۆرسىتىپ، كەسكىن ئېلىشىشقا باشلىدى. سابىق ئارمىيە رەھبىرى سېسى 15-ماي شۇ جايدىكى ئاساسلىق تاراتقۇلارنىڭ بىرلەشمە زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى؛ سولقانات سىياسىي گۇرۇھنىڭ رەھبىرى ساباھ 16-ماي تەشۋىقاتنى ئاياغلاشتۇرۇپ قايتقاندىن كېيىن، يەنە مىسىرنىڭ 2-چوڭ شەھىرى ئىسكەندىرىيەگە بېرىپ يەنە بىر مەيدان يىغىلىشقا قاتناشتى.

  مىسىر ئالىي زۇڭتۇڭ سايلام كومىتېتى 2-ماي سېسى بىلەن ساباھنىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ نامزاتلىرى بولغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىدى، بۇنىڭ بىلەن چوڭ سايلام بۇ ئىككىيلەننىڭ تىركىشىش مەزگىلىگە كىردى. كۈنتەرتىپتىكى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن، نامزاتلار 3-مايدىن 23-مايغىچە تەشۋىقات پائالىيىتى قىلىدۇ، 26- ۋە 27-ماي سايلامغا تۇنجى نۆۋەت ئاۋاز بېرىلىدۇ.

  كۆزەتكۈچىلەر مۇنداق دېدى: ئىككى نامزاتنىڭ تەشۋىقات تاكتىكىسى بەكلا ئوخشىمىغاننىڭ ئۈستىگە، رىقابەت پىروگراممىسىمۇ ئوخشىمايدۇ. بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، ئىككىيلەن يولغا قويغان تەشۋىقات كۈرىشىدىن قارىغاندا، ئاخىرقى نەتىجىگە ھۆكۈم قىلىش يەنىلا تەس، ئاۋاز توپلاش ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا كىردى.

  بىرىنچىدىن، سېسىنىڭ جەمئىيەتتىكى سەرخىللار توپىغا مايىل بولۇش تاكتىكىسى بىلەن ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، ھەممە ئىشنى ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەيدىغان ساباھنىڭ ئىزلىرى مىسىرنىڭ نۇرغۇن ئۆلكىلىرىدە قالدى. سايلام رىقابىتى باشلىنىپ ھازىرغىچە، سېسىنىڭ پائالىيەت دائىرىسى پەقەت پايتەخت قاھىرە بىلەنلا چەكلەندى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىرغىچە ھېچقانداق بىر يىغىلىشتا ئاشكارا كۆرۈنمەستىن، بەلكى تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىش ۋە كارخانىچىلار، پارتىيە-گۇرۇھ رەھبەرلىرى قاتارلىق سەرخىللار توپى بىلەن كۆرۈشۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ ھاكىمىيەت قارىشىنى يەتكۈزدى. ساباھ بولسا تاراتقۇلار ئارقىلىق تەشۋىق قىلغاندىن باشقا، يەنە ئۆزى مىسىرنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا بېرىپ، ئاممىنىڭ يىغىلىشىغا قاتنىشىپ، سايلىغۇچىلار بىلەن يۈزمۇ-يۈز ئۇچرىشىپ، ئۆزىنىڭ رىقابەت پىروگراممىسىنى قاراتمىلىق شەرھلىدى. نۆۋەتتە، ساباھ قاھىرە، گىزا، داكاھلىيا، شەيخ كەنتى قاتارلىق نۇرغۇن ئۆلكىلەردە نۇتۇق سۆزلىدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر