باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

لىۋىيەدىكى قوراللىق گۇرۇھلارنىڭ توقۇنىشىدا 79 ئادەم قازا قىلدى

2014.05.19 09:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  لىۋىيە سەھىيە تارمىقىنىڭ ئەمەلدارى 17-ماي سەپتىن چېكىنگەن گېنېرېل خەلفە خافتالغا سادىق كىشىلەر ۋە خەلق ئەسكەرلىرى قوراللىقلىرى ئارىسىدا كەسكىن توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 79 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقى، 141 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېيتتى.

  لىۋىيە خەلق پارلامىنتى، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ۋە ئارمىيە دائىرلىرى 17-ماي كەچتە بىرلىشىپ بايانات ئېلان قىلىپ، خەلفە خافتالنىڭ قىلمىشى «سىياسىي ئۆزگىرىش» قىلغانلىق، دەپ ئەيىبلىدى.

  تەھلىلچىلەر ئىلگىرى مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: كېيىنكى كازافى دەۋرىدە لىۋىيەدە رايون، قەبىلە ئارىسىىدىكى زىددىيەت ۋە ئىرقىي زىددىيەت مۇرەككەپلىشىپ كەتتى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان دائىرىلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدا گۇرۇھلار كۆپ بولۇش، كۈرەش كەسكىن بولۇش، قەبىلە زوراۋانلىقى، سىياسىي كاپىتال، نېفىت پايدىسى تەقسىماتى قاتارلىقلار ھەر قايسى گۇرۇھلارنىڭ قانلىق ئېلىشىشىدىكى سەۋەب، بۇ لىۋىيەنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ مۇقىمسىزلاشتۇرىۋەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر