باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تايلاند ئارمىيەسى مالىمانچلىق يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلسە، قۇراللىق ئارىلىشىدىغانلىقى توغرىسىدا كۈچلۈك ئاگاھلاندۇرۇش بەردى

2014.05.19 09:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باڭكوك پوچتا گېزىتىنىڭ 15-ماي خەۋەر قىلىشىچە: يىڭلاكنىڭ تەختتىن چۈشۈشىگە ئەگىشىپ، تايلاند ۋەزىيىتى بارغانسېرى قالايمىقانلىشىپ كەتكەن، ھەتتا توقۇنۇشتا ئىزچىل تۈردە بىتەرەپ پوزىتسىيەدە بولۇپ كېلىۋاتقان تايلاندا ئارمىيەسىمۇ كۈچلۈك ئاگاھلاندۇرۇش چىقارغان. تايلاند ئارمىيەسىنىڭ ئالى رەھبىرى 15-ماي قالايمىقانچىلىق ۋەزىيىتى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلىدىغان بولسا، تايلاند ئارمىيەسىنىڭ قۇراللىق ئارىلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  تايلاند قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى 15-ماي بايانات ئېلان قىلىپ شۇ كۈنى پايتەخت باڭكوكتا يۇز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەسىنى ئەيىبلەپ، ئەگەر مەملىكەت ئىچىنىڭ ۋەزىيىتى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلىدىغان بولسا، ئارمىيە تەرەپنىڭ زوراۋانلىقىنى توسۇشۇش ئۇچۇن قۇراللىق ئارىلىشىپ، تىنچلىقنى ۋە تەرتىپنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ 2013- يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى تايلاند ئۆكتىچىلىرى يىڭلاك، تاكسىن تۈزۈلمىسىگە قارشى نامايىش ھەرىكىتىنى قوزغىغاندىن بۇيان، ئارمىيە دائىرىلىرى چىقارغان ئەڭ كۈچلۈك ئاگاھلاندۇرۇش بولۇپ ھېسابلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر