باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

غەرب ئەللىرىنىڭ رۇسىيىگە قارىتىلغان يېڭى بىر نۆۋەتلىك جازاسى رۇسىيىگە مەبلەغ سېلىشنى مەنئى قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالدى

2014.05.19 09:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەنگلىيە رېيتىر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ئەربابنىڭ خەۋىرىگە ئاساسەن ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ۋەكىلى سۇرىيە دوستلۇق ئۇچرىشىشى مەزگىلىدە، نۆۋەتتە ئۇكرائىنادىكى جىددىي ۋەزىيەتنى مۇزاكىرە قىلغان، ھەر قايسى دۆلەتلەر رۇسىيىگە رۇسىيىنىڭ ئىقتىسادى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان يېڭىدىن مەبلەغ سېلىشنى مەنئى قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭى بىر نۆۋەتلىك جازانى يولغا قويۇش ئۇستىدە كېڭەشكەن.

  خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى تۈپەيلىدىن رۇسىيەنى كۆپ قېتىم جازالىغان. نۆۋەتتە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئاتالمىش 2-قېتىملىق جازالاش باسقۇچىغا كېرىپ شەخسىلەر ۋە كارخانىلاردىكى شەخسىلەرنى مەنئى قىلىش تەدبىرىنى قوللاندى. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى مۇنداق دەپ ھېسابلىغان: رۇسىيە خادىملىرى ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا مەسئۇل بولۇشى كېرەك.

  بۇنىڭغا قارىتا، رۇسىيىنىڭ مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى شىرگەيىپ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: جازالاش ئىسىملىكىنى كېڭەيتىش ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ سىياسەتتىكى مەسئۇلىيەتسىزلىكىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر