- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


رۇسىيە زۇڭلىسى بارلىق ئېنېرگىيە توختىمىنى ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
2014.05.19 09:38 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
رۇسىيە زۇڭلىسى مېدىۋىدېف 15-ماي موسكۋادا مۇنداق دېدى: رۇسىيە ئېنېرگىيەنى چېگرىدىن ئۆتكۈزۈش توغرىسىدىكى بارلىق توختاملارنى يولغا قويۇپ، پۈتكۈل يەر شارى ۋە رايون ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە تۆھپە قوشۇشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
مېدىۋىدېۋ مۇنداق دېدى: ئەگەر ئېنېرگىيە تەمىناتىدىكى خېيىم خەتەر كۈچىيىدىغان بولسا، رۇسىيە سىرتقا ئېنېرگىيە يەتكۈزۈش يولىنى ئۆزگەرتىدۇ. ئۇ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى : رۇسىيە ئالدىن مۆلچەرلەنگەن خەلقئارا ئېنېرگىيە بازىرىنىڭ قائىدىسىگە موھتاج ، بۇ قائىدىلەر بىر تەرەپلىك شەكىل بىلەن ئۆزگەرمەسلىكى، شۇنداقلا سىياسىي ۋەزىيەتكە تايانماسلىقى كېرەك.
مېدىۋىدېۋ ئۇكرائىنا بىلەن بولغان تەبىئىي گاز تالاش تارتىشى توغرىسىدا توختالغاندا مۇنداق دېدى: ئېنېرگىيە پۇلىنى تاپشۇرۇش، بىر ئاددىي قائىدە. رۇسىيە ئۇكرائىنانى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئېنېرگىيە جەھەتتە ھەمكارلىشىۋاتقان شېرىكلىرىنىڭ بۇ نۇقتىنى چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: رۇسىيە ئوتتۇرغا قويغان تەبىئىي گاز پۇلىنى تاپشۇرۇشنى ھەرگىز سىياسىي بىلەن بىرلەشتۈرۈشكە بولمايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر