باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: پۇتىننىڭ جۇڭگوغا قىلىدىغان زىيارىتى رۇسىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا زور كۈچ بىلەن تۇرتكە بولىدۇ

2014.05.19 09:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  18-ماي بېيجىڭ خەۋىرى: رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى 15-ماي موسكۋادا مۇنداق دېدى: رۇسىيە زۇڭتۇڭى پوتىننىڭ يېقىندا جۇڭگوغا قىلىدىغان زىيارىتى رۇسىيە جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا زور كۈچ بىلەن تۇرتكە بولىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: رۇسىيە جۇڭگو مۇناسىۋىتى باراۋەر، دوستانە، ئۆز ئارا ئىشىنىش ئاساسىغا ئورنىتىلغان بولۇپ، ئىككى تەرەپلىمىلىك مۇناسىۋەتنىڭ مەزمۇنى ئۆزلۈكسىز بېيىتىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەت قويۇق سىياسىي سۆزلىشىشنى ساقلىدى، يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئالاقىسى جانلاندى. ئىككى دۆلەت ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر، 20 دۆلەت گۇرۇھى، ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا مېخانىزملاردا ماسلىشىپ كەلدى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى ھەمكارلىقى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدى، ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندى. ئىككى تەرەپ مەبلەغ سېلىپ ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىش، رايونلار ئوتتۇرسىدىكى ھەمكارلىقىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشتى.

  جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پوتىن 20-، 21- ماي جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ ھەمدە شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاسىيانىڭ ئۆز ئارا ياردەملىشىش ۋە ئۆز ئارا ئىشىنىش تەدبىرى يىغىنىنىڭ 4-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر