- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


تۈركىيەدە بىر كۆمۈركاندا پارتلاش يۈز بەردى
2014.05.14 17:56 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
شۇ يەر ۋاقتى 13 – ماي تۈركىيەنىڭ غەربىدىكى مانىسا ئۆلكىسىنىڭ سوما رايونىدىكى بىر كۆمۈركاندا پارتلاش يۈز بېرىپ، ھازىرغىچە 157 ئادەم قازا قىلغان، 75 ئادەم يارىلانغان.
تۈركىيە ئاپەت باشقۇرۇش مەركىزى مۇنداق دېگەن: بۇ ھادىسە 2000 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى كان قۇدۇقى ئاستىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، بىر توك تەقسىملىگۈچتە كاشىلا كۆرۈلگەنلىكتىن پارتلاش كېلىپ چىققان. ھادىسە يۈز بەرگەن ۋاقىتتا 580 نەپەر كان ئىشچىسى قۇدۇقتا خىزمەت قىلىۋاتقان بولۇپ، 280 ئىشچى يەر يۈزىگە قېچىپ چىقىۋالغان، قالغان 300 ئادەم يەر ئاستىدىكى كان قۇدۇقى ئېغىزىغا 4 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا قاپسىلىپ قالغان. ھازىرغىچىلىك قاپسىلىپ قالغان 20 كىشى قۇتقۇزۇۋېلىنغان ھەمدە دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېتىلگەن.
بىخەتەرلىك شارائىتى ئومۇميۈزلۈك ناچار بولغانلىقتىن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تۈركىيەدە كۆمۈركان ھادىسىلىرى كۆپ يۈز بەرگەن. 2013 – يىلى يانۋاردا، تۈركىيەنىڭ غەربىي شىمال قىسمىدىكى زۇگۇلداك ئۆلكىسىدە بىركۆمۈركاندا گاز پارتلاش ھادىسى يۈز بېرىپ، 8 ئادەم قازا قىلغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر