باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فىلىپپىن تاراتقۇلىرى ئاكىنونىڭ يەنە بىر قېتىملىق ئىغۋارگەرچىلىكىنى تەنقىدلىدى

2014.05.13 18:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ فىلىپپىندا چىقىدىغان «كۈندىلىك مۇنبەر گېزىتى»نىڭ باش ماقالىسىنى نەقىل كەلتۈرۈپ ئېيتىشىچە، فىلىپپىن پىرېزىدېنتى ئاكىنو 24-نۆۋەتلىك شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى يىغىنىدا جۇڭگوغا يەنە بىر قېتىم ئىغۋاگەرچىلىك قىلىپ، دۆلەت ۋە رايوندىكى جىددىي مەسىلىلەر بىلەن كارى بولماي، ئامېرىكا مەنپەئەتىنىڭ ۋاكالەتچىسى بولۇشقا رازى بولدى دەپ تەنقىدلىدى.

  «شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى» تېمىسىدىكى باش ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئوتتۇرغا قويغان ئاتالمىش ئاتلانتىك ئوكياندىن ھالقىغان شېرىكلىك مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىش ھەمدە قىسمەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنى ئاتلانتىك ئوكياندىن ھالقىغان شېرىكلىك مۇناسىۋىتى تەشكىلاتىغا كىرگۈزۈش شەكلى ئارقىلىق شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنى ئاجىزلاشتۇردى. ئاكىنونىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىنى دىققىتىنى جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە بۇراشقا قۇترىتىش غەرىزى دەل ئامېرىكىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقنى ئاجىزلاشتۇرۇش قاپقىنىغا چۈشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر