باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پاناما پىرېزىدېنتى: ۋېنېسۇئېلا بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2014.05.13 18:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پاناما پىرېزىدېنتلىقىغا سايلانغا جۇئان كارلوس باررېرا 12-ماي: مەن بۇ يىل ئىيۇندا پىرېزىدېنتلۇق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن ۋېنېسۇئېلا بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرىمەن دېدى.

  باررېرا پاناما ئاگېنتلىقىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: مەن ۋېنېسۇئېلا پىرېزىدېنتى مادۇرو بىلەن پىكىر ئالماشتۇردۇم. ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد سودا باردى كەلدىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈلدى.

  باررېرا مۇنداق دېدى: مەن پىرېزىدېنت بولغاندىن كېيىن كولومبىيە پىرېزىدېنتى سانتوس بىلەن كۆرۈشىمەن، ئىككى دۆلەتنىڭ ئېلېكتر تورىنى تۇتاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى قايتىدىن باشلاش ھەمدە ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سودا ماجىرالىرىنى ھەل قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىمىز.

  بۇ يىل مارتتا، ۋېنېسۇئېلا پىرېزىدېنتى مادۇرو پاناما ھۆكۈمىتىنى ئۆزىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشتى دېگەن سەۋەب بىلەن، پاناما بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى، سىياسىي ۋە ئىقتىسادى مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەنلىكىنى جاكارلىغان ئىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر