باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

3-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئافرىقا ئەلئارا مۇنبىرى ئېچىلدى

2014.05.13 18:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  3-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئافرىقا ئەلئارا مۇنبىرى تۈنۈگۈن سۇداننىڭ پايتەختى خارتۇمدا ئۆتكۈزۈلدى. مۇنبەردە «تەجرىبىدىن تەڭ بەھرىلىنىپ ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تەڭ ھەرىكەت قىلايلى ـــ جۇڭگو-ئافرىقا خەلقلىرى نامراتلىقنى ئازايتىپ، قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇش نىشانىنى بىرلىكتە ئەمەلگە ئاشۇرايلى» تېمىسى چۆرىدىلىپ، بىرلىكتە ئۈنۈملۈك ھەرىكەت قىلىپ جۇڭگو-ئافرىقا خەلقىنىڭ تۇرمۇشىنى قانداق ياخشىلاش، جۇڭگو-ئافرىقا خەلقىنىڭ دوستلۇقىنى مۇستەھكەملەش مۇھاكىمە قىلىندى.

  جۇڭگو مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو خەلقئارا ئالماشتۇرۇش جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ جىجېن ئېچىلىش مۇراسىمىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەرگە يوللىغان تەبرىك خېتىنى ئوقۇدى. ئېچىلىش مۇراسىمىدا يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىموننىڭ بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەرگە يوللىغان ۋىدېيو سۆزى قويۇپ بېرىلدى.

  بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەرنى جۇڭگو ئەلئارا تەشكىلاتى خەلقئارا ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى بىلەن سۇدان مەملىكەتلىك تەشكىلى جەمئىيىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، جۇڭگو شۇنداقلا ئافرىقىدىكى 27 دۆلەتتىن كەلگەن 200 ۋەكىل قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر