باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ۋاڭ مىڭ: ئىقتىسادى تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئوتتۇرا ئافرىقا مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا مۇھىم

2014.05.13 18:23         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ۋەكىلى ۋاڭ مىڭ تۈنۈگۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نيۇ يوركتىكى باش ئورگىنىدا: ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئوتتۇرا ئافرىقا مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك چىقىش يولى دېدى.

  خەۋپسىزلىك كېڭىشى شۇ كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئوتتۇرا ئافرىقا رايونىدا تۇرۇشلۇق ئىشخانىسىنىڭ خىزمىتى ھەمدە «مۇقەددەس روھ قارشىلىق كۆرسىتىش ئارمىيىسى» مەسىلىسى ھەققىدە ئاشكارا يىغىن ئۆتكۈزدى. ۋاڭ مىڭ سۆز قىلغاندا مۇنداق دېدى: تەرەققىيات ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسىي، تەرەققىياتتا ئارقىدا قېلىش ئافرىقىدىكى توقۇنۇشنىڭ تۈپ مەنبىيى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېقىندا جۇڭگو گوۋۇيۈەنىنىڭ باش مىنىستىرى لى كېچياڭ ئافرىقىدا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، ئافرىقىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى، يېزا ئىگىلىكى ۋە نامراتلىقنى ئازايتىش قاتارلىق تۈرلىرىگە ئىشلىتىش ئۈچۈن، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئافرىقا ئەللىرىگە ئون مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قەرز بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. جۇڭگو خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئوتتۇرا ئافرىقا ئەللىرىگە ياردەم بېرىش ۋەدىسىدە تۇرۇپ، ئافرىقىنىڭ ئىقتىسادى ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنى كۆپەيتىش، توقۇنۇش پەيدا بولۇش مەنبىيىنى يوقىتىشىغا ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر