- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ب د ت لىۋان پىرېزىدېنت سايلىمىنىڭ ئۆز قەرەلىدە ئۆتكۈزۈلۈشىنى ئۈمىد قىلدى
2014.05.13 18:22 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ لىۋاندا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە ماسلاشتۇرغۇچىسى پۇرامبۇلى تۈنۈگۈن بېيرۇتتا: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى لىۋان ئاساسىي قانۇنىدا بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە يېڭى پىرېزىدېنتنى سايلاپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ دېدى.
پۇرامبۇلى مۇنداق دېدى: مەن يېقىندا «لىۋاننى قوللايدىغان خەلقئارا گۇرۇپپا» ئەزالىرىنىڭ ۋەكىلى بىلەن لىۋاننىڭ پىرېزىدېنت سايلىمى توغرىسىدا كېڭەشتىم، مەن خەلقئارا گۇرۇپپىغا ۋاكالىتەن مۇنداق ئىككى نۇقتىنى يەنى لىۋان پىرېزىدېنت سايلىمى لىۋاننىڭ ئىچكى ئىشى، بۇ سىرت ئارىلاشمىغان ئەھۋالدا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك؛ خەلقئارا جەمئىيەت لىۋاننىڭ ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن مۇددەتتە پىرېزىدېنت سايلىمىنى تاماملاپ، پىرېزىدېنت ئورنىنىڭ بوش قېلىشىدىن ساقلىنىشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ دېگەن ئىككى نۇقتىنى تەكىتلىدىم.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر