باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى ئىككى شتاتنى ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇشىغا بولغان ئىنكاسى بىردەك بولمىدى

2014.05.13 18:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۈلۈشكۈن ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى دوننىستىك بىلەن لۇگانسىك شتاتىدا بۇ ئىككى شتاتنىڭ ئورنى مەسىلىسى ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇلدى. خەۋەرگە قارىغاندا، ئىككى شتاتتىكى ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇشنى تەشكىللىگۈچىلەر ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇشنىڭ يۇقىرى بېلەت بىلەن ماقۇللانغانلىقىنى جاكارلىغان. ئۇكرائىنا دائىرىلىرى، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى قاتارلىقلار بۇ نەتىجىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، رۇسىيە ئىككى شتاتتىكى خەلقنىڭ ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇشتا ئىپادىلىگەن ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇش نەتىجىسى كىيېۋ بىلەن شەرقتىكى ئىككى شتات ۋەكىللىرى ئارىسىدىكى سۆزلىشىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئېشىشى كېرەك دەپ تەكىتلىگەن.

  ئۇكرائىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ: دوننىستىك شتاتى بىلەن لۇگانسىك شتاتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇشنىڭ ئۇكرائىنا زېمىنىنىڭ پۈتۈنلۈكى ۋە دۆلەتنىڭ تۈزۈلمىسىگە قانۇن جەھەتتىن ھېچقانداق تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ، ئۇكرائىنا خەلقى ھەر قانداق رايون خاراكتېرلىك ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋراغا قويۇشنى ئېتىراپ قىلمايدۇ دەپ تەكىتلىدى.

  رۇسىيە پىرېزىدېنتى ئاخبارات ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ دوننىستىك بىلەن لۇگانسىك شتاتلىرىدىكى ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇشنىڭ كۆپ بېلەتكە ئېرىشكەنلىكىگە دىققەت قىلدى، بىز ئىككى شتاتتىكى خەلقنىڭ ئاۋاز بېرىش ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىمىز.

  ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى پۇساكى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۇكرائىنانىڭ دوننىستىك ۋە لۇگانسىك شتاتلىرى شۇ كۈنى ئۆتكۈزگەن ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇش- پارچىلىنىش ۋە مۇئەللىمانچىلىق تۇغدۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ، ئامېرىكا ئاۋازغا قويۇش نەتىجىسىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ.

  ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى، شۋېتسارىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ رەئىسى قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى بورىكخالتېر تۈنۈگۈن ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئاستىدا ئۇكرائىنا مەسىلىسى ھەققىدە مەملىكەتلىك سۆزلىشىشنى تېزدىن باشلاپ، بۇ دۆلەتنىڭ سىياسىي كرىزىسىنى پەسەيتىشنى مۇراجىئەت قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر