- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئىراقتا كۆپ قېتىم پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋە قۇراللىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ 94 كىشى يارىلاندى ۋە قازا قىلدى
2014.05.12 20:51 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئىراق ساقچى تەرەپ بىلەن سەھىيە تارماقلىرى 10-ماي مۇنداق دېدى: ئىراقتا شۇ كۈنى كۆپ قېتىم زوراۋانلىق ھۇجۇم قىلىش ۋە قۇراللىق توقۇنۇش يۇز بېرىپ، ئاز دېگەندە 29 كىشى قازا قىلدى، 65 كىشى يارىلاندى.
ئۆتكەن يىلنىڭ باشلىرىدىن بۇيان، ئىراقتا تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى ۋە زوراۋانلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى كۆپىيىپ، بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى كەسكىنلەشتى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىراققا ياردەم بېرىش ئۆمىكى ئېلان قىلغان ئاخباراتقا ئاساسلانغاندا 2013- يىلى ئىراقتا يۇز بەرگەن تۈرلۈك تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋە زوراۋانلىق توقۇنۇشتا 7 مىڭ 818 پۇقرانى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 8 مىڭ 868 كىشى قازا قىلغان، ئۇندىن باشقا 18 مىڭدىن كۆپرەك كىشى يارىلانغان بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قازا قىلىش ۋە يارىلىنىش ئىشلىرى ئەڭ كۆپ بولغان بىر يىل بولغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر