باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جەنۇبىي سۇداندىكى توقۇنۇشۇۋاتقان ئىككى تەرەپ ئەددىس ئەبىبەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ئىمزالىدى

2014.05.12 20:50         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جەنۇبىي سۇدان پىرېزىدېنتى كىل بىلەن سابىق مۇئاۋىن پىرېزىدېنت ماشار 9-ماي ئىفوپىيەنىڭ پايتەختى ئەددىس ئەبىبەدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەندىن كىيىن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىدى.

  بۇ قېتىمقى سۆھبەتكە ئىفوپىيەنىڭ باش مىنستىرى خەيرمەريەم رىياسەتچىلىك قىلدى. توقۇنۇشۇۋاتقان ئىككى تەرەپ بۇ يىل 1- ئاينىڭ 23-كۈنى ئەددىس ئەبىبەدە ئىمزالىغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى ھەمدە 24 سائەت ئىچىدە دۈشمەنلىشىش ھەرىكىتىنى توختىتىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون 9-ماي كەچتە باياناتچىسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، جەنۇبىي سۇدان پىرېزىدېنتى كىل بىلەن سابىق مۇئاۋىن پىرېزىدېنت ماشارنىڭ شۇ كۈنى جەنۇبىي سۇدان كرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ئىمزالىغانلىقىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۇبىي سۇدان خەلقنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر