- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


قىسقا خەلقئارا خەۋەرلەر
2014.05.12 20:49 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
@ ئىراق بىخەتەرلىك قىسمى 9-ماي پايتەخت باغداتنىڭ غەربىگە تەخمىنەن 50 كىلومېتىر كېلىدىغان فالۇجاھ شەھەر سىرتىدا ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىقلارنى تازىلىغاندا ئون نەچچە قوراللىق خادىمنى ئېتىپ تاشلىدى شۇنىڭ بىلەن بىرگە 16 پۇقرا توپ ئوقىدا ھاياتىدىن ئايرىلدى.
@ لىتۋانىڭ پايتەختى ۋىلنيۇستا 9-مايدىن 11-مايغىچە ياۋروپا كۈنىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى، پائالىيەتتە ياۋروپانىڭ تەرەققىياتى، لىتۋانىڭ تەرەققىياتى قاتارلىقلار تونۇشتۇرۇلدى ھەمدە شەھەر ئاھالىسى ۋە ساياھەتچىلەرگە ياۋروپادىكى ئون دۆلەتنىڭ مەززىلىك تائاملىرى تونۇشتۇرۇلدى.
@ پاكىستان تاراتقۇلىرىنىڭ 9-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، پاكىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ناۋابشا رايونىدا 9-ماي 5 بال يەر تەۋرىگەن، ھازىرغىچە ئىككى ئادەم قازا قىلغان، 40 ئادەم يارىلانغان.
@ خەلقئارا پۇل فوند تەشكىلاتىنىڭ باش لىدىرى لاگارد 9-ماي ماراكەشنىڭ پايتەختى راباتتا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا: ئوتتۇرا شەرق، شىمالىي ئافرىقا رايونى بولۇپمۇ ئۆزگىرىش بولىۋاتقان ئەرەب ئەللىرى ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا جىددىي ئېھتىياجلىق بولىۋاتىدۇ.
@ ئافرىقىدىكى ئەڭ چوڭ باي ئالىك دانگېتې 24-نۆۋەتلىك دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ ئافرىقا باشلىقلىرى يىغىنىدا: ئافرىقىلىق سودىگەرلەر ئۆز يېرىگە مەبلەغ سېلىشنى كۈچەيتىشى كېرەك، بۇ مەبلەغ سېلىشقا جەلپ قىلىش مۇھىتى يارىتىشقا پايدىلىق دېدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر