باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئاۋسترالىيە «بوۋاق زاكاس قىلىش»نى يولغا قويماقچى كەلگۈسىدە ئاتا-ئانىلار بوۋاقلىرىنىڭ كەلگۈسىدىكى سىرتقى قىياپىتىنى تاللىيالايدۇ

2014.04.29 15:48   مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

ئاۋسترالىيە «بوۋاق زاكاس قىلىش»نى يولغا قويماقچى كەلگۈسىدە ئاتا-ئانىلار بوۋاقلىرىنىڭ كەلگۈسىدىكى سىرتقى قىياپىتىنى تاللىيالايدۇ

  ئاۋسترالىيە ئۇچۇر تورىنىڭ 28-ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە، ئاۋسترالىيەدە كەلگۈسى بەش يىل ئىچىدە يېڭى بىر خىل گېن تېخنىكىسىنى يولغا قويىدىغان بولۇپ، ئاتا-ئانىلار ھامىلىدار بولۇشتىن بۇرۇنلا ئۆزلىرىنىڭ تۇغۇلمىغان بالىسىنىڭ بەدەن سالامەتلىكى، ئېگىزلىكى ھەتتا بالىسىنىڭ كۆزىنىڭ رەڭگى قاتارلىقلارنى بىلەلەيدىكەن.

  «يېڭى پەن-تېخنىكا ئالىمى» ژۇرنىلىنىڭ بۇ ئايدىكى خەۋەرىدە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر گېن تېخنىكىسى ئايال كىشى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھىنىڭ ئۇرۇقىغا قارىتا DNA تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، ئۇلار كۆپىيىش جەريانىدا پەيدا بولۇش ئېھتىماللىقى بولغان گېن ھەرىكىتىنى پەرەز قىلغىلى بولىدىكەن ھەمدە تېخى تۆرەلمىگەن بوۋاققا مۇناسىۋەتلىك سانلىق-قىممەتلەرگە ئىگە بولغىلى بولىدىكەن.

  خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۇرۇقنىڭ ئىگىسىنىڭ گېنى بىلەن ھامىلىدار بولىدىغان ئايال كىشىنىڭ گېنى جۈپلەشكەندىن كېيىن بوۋاقنىڭ كېسەل بولۇش نىسبىتى يۇقىرىلايدىغان بولۇپ، ئانا بولغۇچى مەزكۇر تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ بىر قىسىم ئىسپېرما تەقدىم قىلغۇچىلارنى شاللاپ چىقارسا بولىدىكەن.

  نىيۇيورك ئىشتاتى ئۇنىۋېرسىتېتى تۇغۇت كەسپى پروفېسسورى مىكخائېل چاپمەن (Michael Chapman) مۇنداق دېدى:«بىز قورساقتىكى بوۋاققا ئاساسەن بۇ بوۋاقنىڭ كەلگۈسىدە قانداق كېسەلگە گىرىپتار بولىدىغانلىقىنى بىلەلەيمىز، ئۇندىن كېيىن باشقا بىر شۇ خىلدىكى گېنغا ئىگە بولغان بوۋاق ئارقىلىق شۇ خىل كېسەلدىن ساقلىنالايمىز، بۇ زور بىر ئىلگىرلەش. بۇنداق قىلغاندا تۇخۇم بىلەن ئىسپېرمىنى تېخىمۇ ياخشى ھالدا جۈپلەشتۈرگىلى بولىدۇ.»

  بۇ خىل تېخنىكا 4-ئايدا ئامېرىكا GenePeeks شىركىتى تەرىپىدىن يولغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ بىر قىسىم ئالاھىدىلىكلەرنى ئالدىن زاكاس قىلغىلى، مەسىلەن بوۋاقنىڭ تېرىسىنىڭ رەڭگى، ئېگىزلىكى ، بىلىنىڭ ئايلانمىسى قاتارلىقلارنى ئالدىن زاكاس قىلغىلى بولىدۇ.

  مىكخائېل چاپمەن مۇنداق دېدى:«بىزنىڭ بۇنداق قىلىشىمىزنىڭ مەقسىتى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بىراق ئەمەلگە ئاشىدىنى پەقەت بۇلا ئەمەس. كەلگۈسىدە بىز مەزكۇر تېخنىكىنى قايسى دەرىجىگە تەرەققىي قىلدۇرىمىز دېگەن مەسىلىگە كەلسەك، بىز يەنىلا بۇ جەھەتتە زور بولغان ئەخلاق مەسىلىسىگە دۇچ كېلىمىز. چۈنكى مەزكۇر تېخنىكا جەمئىيەت قوبۇل قىلالايدىغان دەرىجىدىن ھالقىپ كەتتى.»

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر


  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·«1-ماي»دىن كېيىن، بېيجىڭنىڭ مائارىپ خەرىتىسىدە يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ
      ·«يانفون سىرتمىقى» غا چۈشۈپ قالغان ياشلارنىڭ سانى كۆپەيمەكتە
      ·تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى: تۈركمەنىستان جۇڭگونىڭ ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى …
      ·كورلا شەھىرىدە «دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى» خاتىرىلەندى(1)
      ·كورلا يېڭىشەھەر يېزا مەركىزىي مەكتەپ ئۈزگەن بالىلار باغچىسىدا بالىلارنىڭ «ئانا تىل» دا ھېكايە ئېيتى…
      ·كورلا شەھىرى بويىچە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ 2-قېتىملىق «مەرىپەت لوڭقىسىنى تالىشىش…
      ·«ئوقۇغۇچىلار ئارقا ئىشىكتىن كىرىش» قىلمىشىنى تۈگىتىشتە، توسۇشلا كۇپايە قىلمايدۇ
      ·قىرغىزىستان تۇرمۇشىدىكى جۇڭگوچە ئىستېمال 
      ·ئۇنۋان چەت ئەل تىلى ئىمتىھانى قاچان ئىسلاھ قىلىنىدۇ؟ 
      ·ئاپتونوم رايون ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قىلىش خىزمىتى بەلگىلىمىسىنى ماقۇللىدى