باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا گېزىتىدە ئوبامانىڭ ئاسىيادىكى سەپىرى نۇرغۇن توسالغۇلارغا ئۇچرىدى دېيىلدى(2)

2014.04.29 15:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئوباما ئاسىياغا سەپەرگە ماڭغان چاغدا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى نۇرغۇن قان تەر ئاققۇزغان پەلەستىن ئىسرالىيە تىنچىلىق مۇساپىسى مەغلۇپ بولدى. بۇنىڭ بىۋاستە بىشارىتى پەلەستىن خەلقى غەربىي قىرغاقتىكى فاتاخ ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبىرى بىزنىڭ دۈشمىنىمىز غەززاغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان خاماس بىلەن قول ئېلىشتى دەپ جاكارلىدى. بۇ كېررى بىلەن ئىسرالىيە ئويلاپ باقمىغان ئىش ئىدى. بۇ ئىسرالىيە زۇڭلىسى نېتانىياخۇنىڭ ئەزەلدىن قوشۇلماي كېلىۋاتقان تىنچىلىق مۇساپىسىنى ئاياغلاشتۇرۇشىغا بانا بولۇپ بەردى. ئۇ بۇنىڭ بىلەن مەسئۇلىيەتنى يەنە پەلەستىنلىكلەرگە ئىتتىرىپ قويدى. ئۇ خاماس تېررورچىلىرىنى تاللىغان ھەرقانداق بىر كىشى تىنچىلىقنى خالىمايدىغانلار دەپ جاكارلىدى. كېررى بۇ پىلاننىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىدىن ئۈمىدسىزلەندى.

  پەلەستىن دائىرىلىرىگە زادى نىمىنىڭ تۈرتكە بولۇدىغانلىقىنى تېخى ئېنىق چۈشىنىپ يەتمىگەن زۇڭتۇڭ ئابباس خاماس بىلەن يارىشىپ قالدى. ئابباس قەتئىي ھالدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پەلەستىن خەلقىنىڭ يارىشىشى پەلەستىن ئىسرالىيە كېڭىشىشى بىلەن تامامان زىت ئەمەس.

  ئابباسنىڭ كېڭىشىش مەسىلىسى پەلەستىننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى كۈچلۈك قارشىلىققا ئۇچرىدى. ئۇ ئېنىقلا خاماس بىلەن ھەمكارلىشىپ پەلەستىن ئۆتكۈزمەكچى بولغان سايلامنى ئۆتكۈزۈش داۋاملىق ئەھمىيىتى بولمىغان سۆھبەت ئۆتكۈزۈشتىن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، دەپ قارىغان. مۇشۇ ئايدا ئابباس ئىسرالىيەنىڭ قىسمەن پەلەستىنلىك مەخبۇسلارنى قويۇپ بېرىش ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇرمىغانلىقىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن 15 بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاپپاراتى ۋە خەلقئارا ئەھدىنامىگە كىرىشنى رەسمىي ئىلتىماس قىلدى.

  ئۇندىن قالسا، ئۇكىرائىنا مەسىلىسى: رۇسىيە، ئۇكىرائىنا، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى 17-ئاپرېل جەنۋەدە ئۆتكۈزگەن بىر يىغىن ئۇكىرائىنانىڭ شەرقىي جەنۇبىنىڭ جىددىي قارشىلىشىشىنى ھەل قىلىشىغا ئازراق ئۈمىد ئېلىپ كەلدى. ئەمما ئالاقىدار كېلىشىم ئىمزالانسا ھەر قايسى تەرەپلەر باشقا بىر تەرەپنى كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلدى دەپ ئەيىبلەشكە باشلايدۇ.

  كىيېۋ دائىرىلىرى ئىلگىرى «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى»نى قانات يايدۇرۇشقا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، بەزى شەھەرلەردە ھۆكۈمەت، ساقچى ۋە بىخەتەرلىك ئاپپاراتى بىناسىنى ئىشغال قىلىۋالغان رۇسىيەپەرەس بۆلگۈنچىلەرنى قوغلاپ چىقتى. ئەمما بەزى توقۇنۇشتىن كېيىن، دائىرىلەر ھەرىكىتىنى ئەمەلدىن قالدۇردى.

  ۋاشىنگىتوندا كېررى رۇسىيەنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئەگەر رۇسىيە جەنۋە كېلىشىمىگە ئەمەل قىلماي بۇ ئىشغال قىلىۋالغان بىنالاردىن ۋاز كەچمىسە، رۇسىيە تېخىمۇ كۆپ جازاغا ئۇچرايدۇ. كېررى رۇسىيەگە ھازىرغا قەدەر ئەڭ ئېنىق بولغان ئەيىبلەشنى ئېلان قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئاخبارات ئاپپاراتلىرى رۇسىيە ئالاھىدە خادىملىرى «خادىم، قورال، ھەرىكەتنى پىلانلاش ۋە ماسلىشىشتىن پايدىلىنىپ شەرقىي ئۇكىرائىنانىڭ مالىمانچىلىق ئىچىگە پېتىپ قېلىشىدا ئىجابىي رول ئوينىدى» دەپ ھىسابلىدى.

  زۇڭتۇڭ پۇتتىن ئالاقىدار جازالاشقا ئىزچىل پىسەنت قىلىپ كەتمىدى. ئەمما بۇ كىرىزىس رۇسىيەنىڭ ئاجىز ئىقتىسادىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۆتكەن يىلى، رۇسىيەنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى %1.3 لا ئاشتى، ئۆلچەم ۋە پۇر شىركىتى ئەگەر ئۇكىرائىنا كىرىزىسى داۋاملاشسا، رۇسىيەنىڭ ئېشىشى %1 كىمۇ يەتمەي قېلىشى مۈمكىن،دېدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر