باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا گېزىتىدە ئوبامانىڭ ئاسىيادىكى سەپىرى نۇرغۇن توسالغۇلارغا ئۇچرىدى دېيىلدى(1)

2014.04.29 15:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  زۇڭتۇڭ ئوبامانىڭ ئاسىيادىكى سەپىرىنىڭ مەقسىتى ئۆزىنىڭ شەرققە قارىتىلغان ئىستراتېگىيىلىك يۆنىلىش ئۆزگىرىشىگە كۈچ قوشۇش ئىدى. ئەمما بۇ قېتىمقى زىيارەت ئۇنىڭ دىپلوماتىيە كۈن تەرتىپىنى بەزى توسالغۇلارغا ئۇچراتتى. بىر قەدەر ئۇزاق ۋاقىت كەينىگە سۈرۈلگەن ئوبامانىڭ ئاسىيادىكى سەپىرىدە ياپونىيە بىلەن بىر سودا كېلىشىمى ھاسىل قىلالمىدى، چاۋشيەننىڭ يېڭى تەھدىدگە ئۇچرىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئوتتۇرا شەرق تىنچىلىق مۇساپىسى ۋە ئۇكىرائىناغا مۇناسىۋەتلىك سىناپ بېقىش مەقستىدىكى كېلىشىممۇ مەغلۇپ بولدى.

  كىشىلەر بەلكىم بىرلىككە كەلگەن بىر نەزەرىيەنى تېپىپ زۇڭتۇڭ ئوبامانىڭ دۇنياغا ئامېرىكىنىڭ مەجبۇرىي ھوقۇقى ئاستىدىكى تىنچىلىقنى بېرىشىنىڭ تەس ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان بولىشى مۈمكىن. ئەمەلىيەتتە دۇنيادىكى ھەر قايسى جايلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان جۇغراپىيىلىك سىياسىي ئۆزگىرىشىنىڭ بىرلا ئوخشىشىپ كېتىدىغان جايى بار، ئۇ بولسىمۇ ئۇلار ئامېرىكىدىن ئىبارەت بىردىن بىر ئالاھىدە دەرىجىلىك بۇ چوڭ دۆلەتنىڭ تۈرلۈك تەھدىتى ۋە ئالداپ قىلتاققا چۈشۈرۈشىگە قەيسەرلىك بىلەن قارشى تۇرماقتا.

  ئوبامانىڭ كۆز تىككەن ئاسىيا سەپىرىنىڭ مەقسىتى «ئاسىيانى قايتا تەڭپۇڭلاشتۇرۇش» ئىستراتېگىيىسىنىڭ ئىقتىسادىي، بىخەتەرلىك ۋە دېمۇكىراتىك تەننەرقىنى تەكىتلەش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا جۇڭگونىڭ زۆرۈرسىز ئەندىشىگە پېتىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش.

  بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئوباما جۇڭگونىڭ شەرقىي دېڭىز ۋە جەنۇبىي دېڭىز زېمىن تالاش تارتىشىدا ياپونىيە ۋە فىلىپپىننى قوللىشى مۈمكىن دەپ مۆلچەرلەنگەن ئىدى. ئوباما ھەقىقەتەن ياپونىيە بىلەن فىلىپپىننى قوللىدى. ئەمما ئۇ ئىنتايىن ئىھتىياتچان بولدى. گەرچە ئۇ ئامېرىكىنىڭ ياپونىيەنى قوللايدىغان شەرتنامىدىكى مەجبۇرىيىتىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنە ئامېرىكا زېمىن تەۋەلىكى مەسىلىسىدە مەيدانىنى بىلدۈرمەيدۇ دەپ تەكىتلىدى.

  ئوبامانىڭ توكيودىكى زىيارىتى پادىشاھ ئاكىخىتو بىلەن بولغان دۆلەت زىياپىتى، ھەمدە باش ۋەزىر ئابىشىنزو بىلەن ياپونچە غىزالىنىش زىياپىتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالدى. ئابىشىنزو ئوبامانىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ: بۇ مەن يېگەن ئەڭ ياخشى ياپونچە تاماق دېدى. ئەمما ئوبامانىڭ توكيو بىلەن بىر سودا كېلىشىمى ئىمزالاش ئۈمىدى ياپونىيە دېھقانلىرىنىڭ قارشلىقىغا ئۇچرىدى. ياپونىيە دېھقانلىرى ياپونىيەنىڭ گۇرۇچ، كالا گۆشى، ئۆي قۇشلىرى ۋە چوشقا گۆشىنى ئىمپورت قىلىشقا بازارنى ئېچىۋېتىشىنى خالىمىدى.

  ئارقىدىن، ئوباما كورىيەدىكى بىر يۈرۈش مەسىلىلەرگە يولۇقتى. ئالدى بىلەن كورىيەنىڭ چۆكۈپ كەتكەن پاراخوت ھادىسىسى كورىيە خەلقىغە ئېلىپ كەلگەن ئازاپ، ئۇندىن قالسا بەزى ئالامەتلەردىن ئايان بولىشىچە، كورىيە يەنە بىر قېتىم يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىق كۆرۈۋېتىپتۇ، بۇ يېرىم ئارال ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ۋاشىنگىتوننىڭ ئىستراتېگىيىلىك سەۋر تاقىتىگە خىرس پەيدا قىلىدۇ. مالايسىيا بىلەن فىلىپپىندىكى زىيارىتىدىن كېيىن ئوبامانىڭ ئاسىيادىكى سەپىرى ئاياقلاشتى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر