باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مالايشىيانىڭ سابىق زۇڭلىسى: MH370 ناملىق يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ يوقاپ كېتىشىنى مالايشىيا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىدىن ئەمەس، بوئىن شىركىتىدىن كۆرۈش كېرەك

2014.04.28 16:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «مالايشىيا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىدىن ئەمەس، بوئىن شىركىتىدىن كۆرۈش كېرەك...» مالايشىيا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ MH370 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى ئالدىنقى ئايدا يوقاپ كەتكەندىن بېرى ھېچقانداق دېرىكى بولمىدى، بارلىق ئەيىبلەشلەر مالايشىياغىلا قارىتىلدى. بۇنىڭغا قارىتا، مالايشىيانىڭ سابىق زۇڭلىسى ماخاتىر باشقىچە پىكرىنى بىلدۈردى. ئۇ 26-چېسلا «مالايشىيا پوچتا گېزىتى»دە ماقالە ئېلان قىلىپ، بوئىن شىركىتى ئۆزى ياسىغان ئايروپىلاننىڭ يەر يۈزى بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنچە ئاسانلا ئۈزۈلۈپ قالىدىغانلىقىنى چوقۇم چۈشەندۈرۈشى كېرەك، دېدى. ئۇ: «ئۆلچەملىك تەرتىپ شۇكى، بىر ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ پاچاقلانغاندىن كېيىن، مۇتەخەسسىسلەر ئەڭ تېز سۈرئەتتە نەق مەيدانغا بېرىپ، ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىش سەۋەبىنى ئېنىقلىشى ھەمدە بوئىن شىركىتى بىلەن ياسىغۇچى دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىمۇ يوقاپ كەتكەن ئايروپىلاننى ئىزدەشكە كىرىشىشى كېرەك ئىدى. لېكىن بوئىن شىركىتى بۇنىڭغا قىلچە قىزىقمىدى، ھېچقانداق ئىپادىمۇ بىلدۈرمىدى».

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر