باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بان كىمون ئۇكرائىنا كرىزىسىنى قۇراللىق كۈچ ئارقىلىق ھەل قىلىشنىڭ چوڭ خاتالىق ئىكەنلىكىنى ئاگاھلاندۇردى

2014.04.28 09:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ باياناتچىسى 25-ئاپرېل قەرەرلىك ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: بان كىمون ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسىم رايونىدا داۋاملىشىۋاتقان زوراۋانلىق ۋە ئۆلۇم يىتىم ئىشلىرىدىن، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ سۆز ھەرىكەتلىرىنىڭ كەسكىن ۋە پوزىتسىيىسىنىڭ كۈچلۈك بولۇۋاتقانلىقىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتا، ھەمدە بۇ خەلقئارا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىككە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسىم رايونىدىكى شەھەرلەرگە كۆرسىتىۋاتقان يامان تەسىرلەردىنمۇ ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن دەپ قارىماقتا.

  بان كىمون ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسى توغرىسىدىكى تۆت تەرەپ سۆھبىتىدە بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشىنى مۇراجەت قىلدى. ھەر قانداق قۇراللىق ۋاسىتە ئارقىلىق ھەل قىلىشنىڭ ئېغىر خاتالىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر