باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

سۇرىيە 3-ئىيۇن پىرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزىدۇ(3)

2014.04.23 09:08   مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

سۇرىيە 3-ئىيۇن پىرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزىدۇ(3)

  ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 21-ئاپرېل، سۇرىيە خەلق پارلامېنتىنىڭ باشلىقى Mohammad al-Laham سۇرىيە 3-ئىيۇن پىرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان . ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسى ئۆتەۋاتقان بەشىر ئاسادمۇ سايلام رىقابىتىگە قاتنىشىكەن.

  Mohammad al-Laham يەنە پىرېزىدېنت سايلىمىغا قاتناشقۇسى بارلارنىڭ بۈگۈن (22-ئاپرېل) دىن 1-مايغىچە تىزىملاتسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان . ئۇ سۇرىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئارقىلىق : «مەن بارلىق سۇرىيە پۇقرالىرىنى، مەيلى ئۆزى بۇ دۆلەتتە تۇرۇۋاتقان ياكى باشقا دۆلەتلەردە پاناھلىنىۋاتقان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، پىرېزىدېنت سايلىمىدا چوقۇم ئۆز ھوقۇقىنى جارى قىلدۇرۇشقا چاقىرىمەن» دېگەن.

  سۇرىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بەرگەن خەۋەردە دېيىلىشىچە، Mohammad al-Laham پىرېزىدېنت سايلىمى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئېلان قىلىشتىن بىر قانچە سائەت بۇرۇن، بىر جۈپ مىناميوت ئوقى دەمەشق شەھىىرىنىڭ مەركىزىدىكى پارلامنېت بىناسىغا 100 مېتىر كېلىدىغان جايغا چۈشۈپ، بەش ئادەم قازا قىلغان . سۇرىيەدىكى ئۆكتىچىلەر: «ئاسادنى قوللايدىغان قوراللىق كۈچلەر ئۆكتىچىلەر كونتروللۇقىدىكى رايونغا قورشاپ ھۇجۇم قىلدى، شۇڭا، بىز ھۆكۈمەتكە مايىل قوراللىق كۈچلەرنى جازالاۋاتىمىز» دېگەن.

  Mohammad al-Laham نىڭ ئېيتىشىچە، باشقا دۆلەتلەردە تۇرۇۋاتقان سۇرىيەلىكلەر بەلكىم بالدۇرراق، يەنى 28-مايدىن باشلاپ بېلەت تاشلايدىغان بولۇپ، بۇلار قوشنا دۆلەتلەردە تۇرۇۋاتقان ئىككى مىليوندىن ئارتۇق سۇرىيەلىك ئاممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

【1】 【2】 【3】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز