باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سەئۇدى مەلىكىسى ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن ياردەم تەلەپ قىلدى(2)

2014.04.22 16:11   مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

سەئۇدى مەلىكىسى ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن ياردەم تەلەپ قىلدى(2)

  سۈرەتتە: سەئۇدى ئەرەبىستان مەلىكىسى شاھ (Shah) (ئوڭدا) ۋە جىياۋاھې (Jiawa He) مۇنداق دېدى: بىزنى دادىمىز 13 يىل «قامال» قىلدى.

  بۇ تۆت ئاچا-سىڭىل مەلىكىنىڭ ئانىسى فايياد (Fayyad) خانىش لوندونغا قېچىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇ «نىيۇيورك پوچتا گېزىتى»گە مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى:«ئۇلار بۇرۇن سەئۇدى ئەرەبىستاندا نورمال تۇرمۇش كەچۈرەتتى، بىراق ئۇلار ئەركىن ئىدىيەلىكلەردىن، ئۇلارنىڭ دادىسى دەل مۇشۇ سەۋەبلىك ئۇلارغا ئۆچ. ئۇلار سەئۇدى ئەرەبىستان ھەمدە پۈتكۈل ئەرەب دۇنياسىدىكى ئاياللارنىڭ دۇچ كېلىۋاتقان ھالىتىگە ئىچ ئاغرىتىدۇ. بىز كۆرگەن ئادالەتسىزلىك تولىمۇ قورقۇنچلۇق، چوقۇم بىرەر كىشى ئورنىدىن دەس تۇرۇپ بۇنىڭغا قارشى چىقىشى كېرەك.»

  سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ لوندوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئەمەلدارى شاھ مەلىكە ۋە ئۇنىڭ ئانىسى فايياد ئەيىبلەشلىرىنى ئىنكار قىلدى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئەركىن ھالدا ھەرقانداق بىر جايغا بارسا بولىدىغانلىقىنى، ئۇلارغا دائىم دېگۈدەك قوراللىق ساقچىلارنىڭ ھەمراھ بولۇشىدىكى سەۋەبنىڭ دەل ئۇلارنىڭ خان جەمەتىدىن بولغانلىقى ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى. بۇنىڭغا قارىتا فايياد خانىش ئىنكار قىلىپ مۇنداق دېدى: مېنىڭ بۇرۇنقى يولدىشىم، يەنى سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى قىزلىرىمنى ئۆلتۈرمەكچى.

【1】 【2】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز