باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

گېرمانىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى رۇسىيەنى جازالاش تەھدىتىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى

2014.04.22 09:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  فرانكىفورد گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: گېرمانىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى سىتايىنمىل 20- ئاپرېل ئۇكرائىنا كرىزىسىدە رۇسىيىگە قارىتىلغان جازالاش تەھدىتىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان. سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ بۇ سىياسىيونى گېرمانىيەنىڭ دۆلەت موداپىئە مىنىستىرى ۋە ئامېرىكا بىلەن قارشىلاشقان.

  گېرمانىيەنىڭ دۆلەت موداپىئە مىنىستىرى، خرىستىئان دېنى دېموكراتلار ئىتتىپاقىنىڭ سىياسىيونى ھوندىرلىئىن ھەپتە ئاخىرى تەھدىت سېلىپ رۇسىيىگە ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. ئامېرىكىمۇ ئەگەر توقۇنۇش يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلىدىغان بولسا، رۇسىيىگە قارتا ئىقتىسادى جازانى يولغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. گېرمانىيە سانائەت ساھەسىدىكىلەر رۇسىيىگە جازا يۈرگۈزۈلسە، گېرمانىيە ئىقتىسادىنىڭ غايەت زور زىيانغا ئۇچرىشىدىن ئەندىشە قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر