باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ب د ت ئۇكرائىنا كرىزىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشماقتا

2014.04.15 09:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 13-ئاپرېل كەچتە ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى توغرىسىدا جىددىي يىغىن ئاچتى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سىياسىي ئىشلارغا مەسئۇل ياردەمچى باش كاتىپى فىرنەندس تالاك مۇنداق دېدى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە باش كاتىپ بان كىمون كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان ئۇكرائىنا كرىزىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشماقتا.

  رۇسىيىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تەلىپى بويىچە، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ مۇشۇ ئايلىق نۆۋەتچى رەئىسى 13-ئاپرېل چۈشتىن كىيىن جىددىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بارلىق كېڭەش دۆلەتلىرىنى يىغىپ شۇ كۈنى كەچتە بىرەسمىي يېپىق كېڭەش ئۆتكۈزدى، كېيىن ئاشكارا يىغىنغا ئۆزگەرتتى. بۇ خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بۇ يىل 2-ئايدىن بۇيان ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى توغرىسىدا 10- قېتىم يىغىن ئىچىشى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون 12-ئاپرېل باياناتچىسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسىم رايونىنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ يامانلىشىۋاتقانلىقىدىن ئەمدىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئىجابىي خاراكتېرلىك سۆزلىشىش ئارقىلىق ۋەزىيەتنى پەسەيتىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر