باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا ئارمىيەسى بازىسىدا ئوققا تۇتۇش ۋەقەسنىڭ يۈز بېرىشىتىكى سەۋەب زادى نېمە؟(2)

2014.04.04 16:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئافغانىستان ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيان، ئامېرىكىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ۋە قىسىمدىن چېكىنگەن ئەسكەرلىرىنىڭ ئۆلۈۋېلىشى كۆپەيمەكتە. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنستىرلىقىنىڭ 2013-يىللىق سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، 2001-يىلى ئافغانىستان ئۇرۇشى باشلانغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، ئامېرىكىنىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىدىكى ئەسكەرلەرنىڭ ئۆلۈۋېلىش نىسبىتى ئۈچ ھەسسە كۆپەيگەن، ھەر يىلى 85ئادەمدىن 2012-يىلى 185 ئادەمگە كۆپەيگەن، ئامېرىكىنىڭ قىسىمدىن چېكىنگەن ئەسكەرلەر كادىرلار ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ 2012-يىللىق دوكلاتىدىن ئايان بولۇشىچە، ھەر يىلى ئامېرىكىنىڭ قىسىمدىن چېكىنگەن ئەسكەرلىرىنىڭ ئۆلۈۋېلىش سانى 8مىڭغا يەتكەن.

  ئامېرىكا ئەسكەرلىرىدە روھى كېسەل بولۇش، ئۆلۈۋېلىشنىڭ شىددەت بىلەن كۆپىيىشىنىڭ ئارقىسىدا- ئامېرىكىنىڭ مۇشۇ ئەسىرىدە قوزغىغان ئافغانىستان، ئىراق ئۇرۇشى بار، ئەمەلىيەتتە ئۇرۇش ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ۋە ئاشۇ بىگۇناھ زىيانلانغۇچىلارغا زىيان يەتكۈزدى.

  فورد خۇد قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى بازىسى «بىر ئېچىنىشلىق» يەرگە ئايلاندى. ئوباما ھۆكۈمىتى ئىراق ئۇرۇشىنى ئاياغلاشتۇردى، ئەمما ئافغانىستان بىلەن ھەربىي كېلىشىم ئىمزالاش ئارقىلىق ئافغانىستاندا قىسىم تۇرغۇزۇپ، ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرماقچى بولىۋاتىدۇ. ئۇرۇش داۋاملىشىدىكەن، پاجىئەمۇ داۋاملىشىدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر