باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياپونىيە ھۆكۈمىتى مۇداپىئە قورال-جابدۇقلىرىنى يۆتكەشنىڭ ئۈچ پىرىنسىپىنى رەسمىي ماقۇللىدى

2014.04.03 16:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياپونىيە كابىنېتى 1-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئۆتكۈزۈپ، مۇداپىئە قورال-جابدۇقلىرىنى يۆتكەش توغرىسىدىكى ئۈچ پىرىنسىپنى ماقۇللاپ، چەتئەللەرگە ياپونىيەنىڭ قورال-جابدۇقلىرىنى ۋە ھەربىي تېخنىكىسىنى يۆتكەش شەرتىنى زور دەرىجىدە كېڭەيتتى. بۇ ياپونىيەنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان يولغا قويۇلۇپ كېلىۋاتقان قورال ئېكسپورت قىلىش توغرىسىدىكى ئۈچ پىرىنسىپدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى كۆرسەتتى، بۇمۇ ياپونىيەنىڭ ئۇرۇشتىن كىيىنكى تىنچ دۆلەت قارشىدا زور ئۆزگۈرۈش بولغانلىقىنى كۆرسەتتى. يېڭى ئۈچ پىرىنسىپقا ئاساسەن، ياپونىيە تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا قورال-ياراق ۋە ھەربىي تېخنىكىلارنى ئېكسپورت قىلىشقا يول قويىدۇ. 1-، تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۆھپە قوشۇش ۋە خەلقئارا ھەمكارلىققا پايدىلىق بولغاندا. 2-، ياپونىيەنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا ياردىمى بولغاندا. 2-نۇقتىغا ئاساسەن، ياپونىيە يەنە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئامانلىققا كاپالەتلىك قىلىش ساھەسىدىكى ھەمكارلاشقۇچى دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن قورال-جابدۇقلارنى بىرلىكتە تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە ئىشلەپچىقىرىپ، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن ئامانلىقنى قوغداش ۋە مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، قوغدىنىش قىسىمى بىلەن ياپونىيەلىكلەرنىڭ چەتئەللەردىكى ھەرىكىتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر