باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پەۋقۇلئاددە مەزگىلدىكى پەۋقۇلئاددە ئومۇمىي سايلام

2014.04.03 15:47         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىنقى بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، ئۇكرائىنانىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەنلەردىن سابىق زۇڭلى تېموشىنكو 27 – مارت سايلامغا قاتنىشىدىغانلىقىنى، مىلياردېر پوروشېنكومۇ سايلامغا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى سايلام ئۇكرائىنادا ئېغىر كىرىزىس يۈز بەرگەن، قىرىم رايونى ئۇكرائىنادىن بۆلۈنۈپ چىققان، غەرب ئەللىرى بىلەن رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا توغرىسىدىكى تالاش – تارتىشى ئەۋج ئالغان ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، پەۋقۇلئاددە ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي سايلام بولىدۇ.

  پەۋقۇلئاددە ئومۇمىي سايلام

  ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭ سايلىمى ئەسلىدە 2015 – يىل 3 – ئايدا ئۆتكۈزۈلەتتى، لېكىن يېقىندا بۇ دۆلەتنىڭ ۋەزىيىتىدە زور ئۆزگىرىش كۆرۈلگەچكە، زۇڭتۇڭ يانوكوۋىچ پارلامېنت تەرىپىدىن مەجبۇرىي ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن رۇسىيەگە كەتتى. ئۆكتىچىلەر تەختكە چىققاندىن كېيىن، بۇ يىل 5 – ئاينىڭ 25 – كۈنى مۇددەتتىن بۇرۇن زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى.

  ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ قارارنى قوللىغان بولسىمۇ، رۇسىيە ئەيىبلىدى. رۇسىيە يانوكوۋىچ ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆكتىچىلەر ئىمزالىغان كېلىشىمنى ئادا قىلىپ، 12 – ئايدىن بۇرۇن زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزۈشى كېرەك، دەپ قارىدى.

  كۆزەتكۈچىلەر مۇنداق دېدى: گەرچە ‹‹قىزغۇچ سېرىق رەڭلىق ئىنقىلاب››تىن بۇيان، ئۇكرائىنادا ئۆتكۈزۈلگەن سايلاملارنىڭ ھەممىسىگە تاشقى كۈچلەر ئارىلىشىۋاتقان بولسىمۇ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بۇ قېتىمقىدەك چوڭ كۆلەمدە ئاشكارا ئارىلىشىشى تېخى تۇنجى قېتىم. غەرب ئەللىرى بىلەن رۇسىيەنىڭ كۈچ سىنىشىشى ئۇكرائىنانىڭ بۇ نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇكرائىنا سايلىغۇچىلىرىنىڭ ئارىسىدا بۇ نۆۋەتلىك سايلام توغرىسىدا ناھايىتى چوڭ ئىختىلاپ كۆرۈلدى. ئۇكرائىنانىڭ غەربىي قىسىم رايونىدىكى تارىختىن بۇيان ياۋروپاغا مايىل بولۇپ كەلگەنلەر بۇ قېتىمقى سايلامنى ئومۇميۈزلۈك قوللىدى، شەرقىي قىسىم بىلەن جەنۇبىي قىسىم رايونىدىكى رۇسىيەگە مايىل سايلىغۇچىلار بۇ قېتىمقى سايلامنى قوللىمىدى.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: شەرقىي قىسىم بىلەن جەنۇبىي قىسىم رايوندىكى سايلىغۇچىلار ئاۋاز بېرىشكە بايقۇت قىلىشى مۇمكىن.

  قىزىق نۇقتا بولۇپ قالغان نامزاتلار

  ھازىرغىچە ئۇكرائىنانىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلارنىڭ سانى ئوندىن ئاشتى. يېقىنقى مەزگىلدىكى ئەلرايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، مىلياردېر پوروشېنكو، سابىق زۇڭلى تېموشىنكو، سابىق بوكس ماھىرى كلىچكوۋلار ئەڭ قىزىق نوقتىلىق نامزاتلاردىن بولۇپ قالغان. ئالدىنقى ئىككى نۆۋەتلىك سايلامدىكى رۇسىيەگە مايىل نامزاتلار بىلەن ياۋروپاغا مايىل نامزاتلارنىڭ كۈچ سىنىشىشىغا ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، بۇ نۆۋەتلىك سايلامدىكى قىزىق نۇقتا بولۇپ قالغان نامزاتلارنىڭ ھەممىسى ياۋرۇپاغا مايىل ئىكەن.

  كەسكىن رىقابەتكە تولغان سايلام

  ئۇكرائىنا ھازىر ئىچكى – تاشقى جەھەتتە قىيىن ئەھۋالدا قالدى. ئىچكى جەھەتتە، قىرىم رايونى مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلىدى ھەم رۇسىيەگە قوشۇلدى، شەرقىي قىسىم بىلەن جەنۇبىي قىسىمدىكى قىسمەن رايونلارنىڭ ۋەزىيىتى داۋالغۇپ تۇرماقتا، بۆلگۈنچى كۈچلەر جانلىنىپ كەتتى. ئىقتىسادىي جەھەتتە، دۆلەت خەزىنىسى قۇرۇقدىلىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش چېكىنىپ، پۇل پاخاللىقى ئەۋج ئېلىپ، ۋەزىيەت كەسكىنلىشىپ كەتتى. خەلقئارا جەھەتتە، ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيەنىڭ مۇناسىۋىتى جىددىيلىشىپ، ئىقتىساد ۋە خەۋپسىزلىك جەھەتتە تەسىرگە ئۇچىرىدى.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دېدى: كەلگۈسىدىكى يېڭى زۇڭتۇڭ ئۇكرائىنا مۇستەقىل بولغان 20 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ قىيىن ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىدۇ. سىرتقا قارىتا، ئۇكرائىنا رۇسىيە بىلەن نورمال دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنى ساقلىشى، ئارىدا ئىختىلاپ پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈشى، ئۇكرائىنا – رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يامانلىشىپ كېتىشىنىڭ ئۇكرائىنا ئىقتىسادىغا كەلتۈرىدىغان زىيىنىنى ئازايتىشى كېرەك.

  ئىچكى جەھەتتە، يېڭى ھۆكۈمەت سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشى كېرەك، مەركەز يەرلىككە تېخىمۇ كۆپ ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش ھوقۇقى بېرىشى ھەم بۇ ئارقىلىق يەرلىك بىلەن مەركەز ئارىسىدىكى زىددىيەتنى ئازايتىشى، قىسمەن رايونلارنى ئايرىلىپ چىقىش نىيىتىدىن ياندۇرۇشى كېرەك. ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانىنى تۈزۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشكە قاراپ يۈزلىنىش ۋەزىيىتىنى تېزدىن ئوڭشىشى كېرەك. جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئىناقلىقىنى ساقلاش بۇ ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى زۆرۈر شەرتلەرنىڭ بىرىدۇر.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر