باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا پىرزىدېنتلىرى قانداق ئىشتىن سىرتقى تەنھەرىكەت ئويۇنلىرىنى ياخشى كۆرىدۇ(1)

2014.04.03 15:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  200 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ،ئامېرىكا ئاق سارىيىنىڭ خوجايىنلىرى ئالمىشىپ تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار تۇرمۇشىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى مەڭگۈ خىزمەتتىن ئايرىلالمىدى. بىراق كۈنى ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن ئالدىراش بولۇش ئامېرىكا پىرزىدېنتلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسىتەلمىدى. ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس ياقتۇرىدىغان ئىشلىرى بار. ئالايلۇق: ھازىرقى پىرزىدېنت ئوباما گولف توپ ئويناشنى ياخشى كۆرۈدۇ . سابىق پىرزىدېنت روزۋېلىت ئوۋ ئوۋلاشنى ياخشى كۆرەتتى. بەزى پىرزىدېنتلەر سىرتقا چىقىشنى ياقتۇرمايتى.

  ئامېرىكىنىڭ 3- نۆۋەتلىك پىرزىدېنتى جىپپىرسۇن سەنئەت ئۇستازى ئىدى. ئۇ بوش ۋاقىتلىرىدا ئاق سارايدىكى ئايرىم ئۆيگە كىرىپ، يېتىپ تۇرۇپ ماستودوننى تەتقىق قىلغان،ھەتتا ئۆزى پۇل چىقىرىپ بۇ خىل تاشقا ئايلانغان جىسىمنى قازغان. ئۇ يەنە قورۇق لايىھىلىگەن، كۆپلىگەن جابدۇقلارنى كەشىپ قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە قاتلىغىلى بولىدىغان ياغاچ قاپ، بەش كىتابنى تىزغىلى بولىدىغان ئايلانما كىتاب ئۈستىلى بار.

  سابىق پىرزىدېنت كۇلىج تىنچلىقنى خالايتتى. ھەر كۈنى چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن، ئاق سارايدا ئىككى سائەت ئۇخلايتتى. ئۇ مۇنداق دەيتتى: ئۇخلىغان ۋاقتىمدا قوشما ئىشتاتنىڭ مەبلەغ خورايدىغان ھەر قانداق تۈرىنى يولغا قويمايمەن. ئۇ كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدىكى مېخانىكىلىق ئاتنى مىنىش ھەرىكىتىنى ياقتۇراتتى.

  ئادامىس سۈرئىتىنى تۇنجى قېتىم قالدۇرغان ئامېرىكا پىرزىدېنتى. ئۇ ۋاشىنگىتوندىكى پودماك دەرياسىدا سۇ ئۈزۈشنى ياخشى كۆرەتتى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا:بىر مۇخبىر بىر قېتىم ئۇنى دەريادا بايقاپ، ئۇنى زىيارەت قىلغان. مۇخبىر پىرزىدېنتنىڭ كىيىمىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ، سىز مەن سورىغان مەسىلىگە جاۋاب بەرمىسىڭىز كىيىمىڭىزنى ئېلىپ كېتىمەن دېگەن.

  ئادامىس ئاق سارايدىكى كەچلىك تاماقنى بىليارت ئۈستىلىدە غىزالىناتتى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ، ئۇ بىليارتقا ئىنتايىن ئامراق ئىكەن. سىياسىي ھۇجۇمغا ئۇچراپ، ئۇدا ۋەزىپە ئۆتەش سايلىمىدا رەقىبى جېكسۇنغا ئۇتتۇرۇپ قويغان. ئەينى ۋاقىتتا بىليارت ئويناش ئامېرىكىنىڭ بىرقانچە ئىشتاتىدا قانۇنسىز ئىش بولغان. چۈنكى بۇ تەنھەرىكەت تۈرى قىمار بىلەن باغلىنىپ قالغان. ئادامىسنىڭ سىياسىدا پالەچ ئەھۋالغا چۈشۈپ قىلىشىدىكى سەۋەب قىمار بولماستىن بەلكى 100 ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىن ھۆكۈمەت پۇلىنى بىليارت ئويناشقا ئىشلىتىۋالغانلىقىدىن بولغان.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر