- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ماجرالارنى بىر تەرەپ قىلىش ئورگىنى مۇتەخەسىسلەر گۇرۇپپىسى تەسىس قىلدى
2014.03.27 15:56 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگونىڭ تەلەپ قىلشى بىلەن دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ماجرالارنى بىر تەرەپ قىلىش ئورگىنى تۈنۈگۈن مۇتەخەسىسلەر گۇرۇپپىسى تەسىس قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونىڭ مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا يولغا قويغان تۆكمە قىلىپ سېتىشقا قارشى تۇرۇش تەدبىرىگە قاراپ چىقىدۇ.
دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ماجرالارنى بىر تەرەپ قىلىش ئورگىنى شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن قەرەللىك يىغىندا يۇقۇرقى قارارنى چىقارغان. كۈن تەرتىپ بويىچە، مۇتەخەسىسلەر گۇرۇپپىسى 90 كۈن ئىچىدە ئالاقىدار قاراپ چىقىش خىزمەتلىرىنى ئاياغلاشتۇرىدۇ.
جۇڭگو سودا مىنىستىرلىقىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قېتىمقى ماجرا، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونىڭ نېفىت تۇرۇبىسى قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىغا قوللانغان 13 تۈرلۈك تۆكمە قىلىپ سېتشقا قارشى تەدبىرلىرىگە چېتىلىدىغان بولۇپ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ 8 مىليارت 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرىنىڭ يىللىق ئېكىسپورت مىقتارىغا مۇناسىۋەتلىككەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر