خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 26-مارت، ئامېرىكا ۋاشنگتوندىكى بەش بۇرجەكلىك بىنادا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خاگېر (سولدا) ۋە ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى خامموند ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى. شۇ كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خاگېر ۋە فرانسىيەگە زىيارەتكە كەلگەن ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى خامموند بەش بۇرجەكلىك بىنادا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلار يىغىنىدا، مالايسىيانىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان ئايروپىلانىغا دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرغا ئېرىشىشتىن ياكى ئايروپىلاننىڭ قارا قۇتىسىنى تېپىلىشتىن بۇرۇن، تېرورلۇق، سىياسىي زوراۋانلىق قاتارلىق ئامىللارنى پۈتۈنلەي چەتكە قېقىشقا بولمايدىغانلىقىنى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىزدەش خىزمىتىگە يەنە داۋاملىق ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يىن بوگۇ فوتوسى)
مەنبە: خەلق تورى