باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەنگلىيە ئايروپىلان ھادىسىسىنى تەكشۈرۈش ئورنى ئىشەنچىلىكمۇ؟

2014.03.27 10:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مالايسىيانىڭ باش مىنىستىرى نەجىب ئادۇل رازاك 24-مارت كەچتە ۋاقىتلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئەنگلىيە ئايروپىلان ھادىسىسىنى تەكشۈرۈش ئورنى بىلەن خەلقئارا دېڭىز ئىشلىرى سۈنئىي ھەمراھ تەشكىلاتى سۈنئىي ھەمراھ سانلىق مەلۇماتىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق مالايسىيا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ MH370-نۆۋەتچى ئايروپىلانىنىڭ ئاڭ ئاخىرىقى ئورنى جەنۇبىي ھىندى ئوكيان دەپ ھېسابلىدى.

  ئەنگلىيە ئايروپىلان ھادىسىسىنى تەكشۈرۈش ئورنى ئەنگلىيە قاتناش مىنىستىرلىقىغا تەۋە بولۇپ، ئەنگلىيەدە يۈز بەرگەن ياكى ئەنگلىيەگە مۇناسىۋەتلىك ۋە ئېغىر ئايروپىلان ھادىسىسىنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل، ئىلگىرى خېلى كۆپ ئايروپىلان ھادىسىسىنى تەكشۈرۈشكە قاتناشقان. ئەنگلىيە بۇ ئورگاننى مالايسىيا ئاۋىياتسىيەسى ئايروپىلانلىرىنىڭ ماتورىنى ئىشلەپ چىقارغۇچى كارخانا تۇرۇشلۇق دۆلەتتىكى تەكشۈرۈش ئورگىنى سالاھىيىتى بىلەن تەكشۈرۈشكە قاتناشتۇرغان.

  ئەنگلىيە ئايروپىلان ھادىسىسىنى تەكشۈرۈش ئورنىنىڭ تور بېكىتىدىكى ئۇچۇرلاغا قارىغاندا، بۇ ئورگان ئەڭ بۇرۇن ئەنگلىيە خانلىق ئۇچۇش پوللىكىنىڭ ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش ئورنى دەپ ئاتالغان، 1915-يىلى قۇرۇلغان. 1-دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، شۇ ۋاقىتتىكى ئەنگلىيە ھاۋا ئارمىيەسى خەلق ئىشلىرى ئاۋىياتسىيە تارمىقى قۇرغان، ۋەقە تەكشۈرۈش ئورنى بۇ تارماقنىڭ بىر قىسمى بولغان، خەلق ۋە ئارمىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ ھادىسىسىنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولغان.

  2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن يەنى 1946-يىلى، ئەنگلىيە خەلق ئاۋىياتسىيە مىنىستىرلىقى قۇرۇغان، ۋەقە تەكشۈرۈش ئورنى بۇ مىنىستىرلىققا تەۋە بولغان. ۋەقە تەكشۈرۈش ئورنىنىڭ تەۋەلىكى بىر نەچچە قېتىم ئۆزگەرگەندىن كېيىن، 1983-يىلى قاتناش مىنىستىرلىقىغا تەۋە بولغان، 1987-يىلى نامى ئايروپىلان ھادىسىسىنى تەكشۈرۈش ئورنىغا ئۆزگەرتىلگەن. 2002-يىلى ئەنگلىيەنىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرى قايتا تەشكىللەنگەندىن كېيىن، ئايروپىلان ھادىسىسىنى تەكشۈرۈش ئورنى يېڭىدىن تەشكىللەنگەن قاتناش مىنىستىرلىقىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان.

  ئايروپىلان ھادىسىسىنى تەكشۈرۈش ئورنى ئارمىيەنىڭ قولىدىن خەلق ئاۋىياتسىيە تارمىقىغا ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئەنگلىيە ھاۋا ئارمىيەسىگە ئىزچىل ياردەم بېرىپ كەلگەن.

  ھازىر، ئايروپىلان ھادىسىسىنى تەكشۈرۈش ئورنىنىڭ باش ئىجىرائىيە تەكشۈرگۈچىسى بىۋاستە ئەنگلىيە تىرانسپورت ۋەزىرىگە دوكلات قىلىدۇ، بۇ ئورگانغا تەۋە تەكشۈرگۈچىلەر 6 گۇرۇپپىغا بۆلىنىدۇ. تەكشۈرگۈچىلەر مەشغۇلاتنى تەكشۈرگۈچى، قۇرۇلۇش ئىلمىي بويىچە تەكشۈرگۈچى ۋە ئۇچۇش خاتىرىسىنى تەكشۈرگۈچى قاتارلىقلارغا بۆلنىدۇ، ھەر بىر ساھەگە مەسئۇل تەكشۈرگۈچى چوقۇم ئالاقىدار سالاھىيەتكە ئىگە بولۇشى شەرت.

  ئايروپىلان ھادىسىسىنى تەكشۈرۈش ئورنىنڭ مەقسىتى: ئايروپىلان ھادىسىسىنىڭ سەۋەبىنى جەزىملەشتۈرۈش ئارقىلىق، ۋەقەنىڭ يەنە سادىر بولۇشىدىن ساقلىنىدىغان تەكلىپ بېرىش، ھەمدە ئاۋىياتسىيە بىخەتەرلىكىنى ياخشىلاشقا كۈچ چىقىرىش.

  ئايروپىلان ھادىسىسىنى تەكشۈرۈش ئورنى تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە تىگىشلىك بىر قانچە ئىشنى رەتكە تىزدى، بۇلار ئايروپىلان ھادىسىسى ۋە ئېغىر ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن تېز ئىنكاس قايتۇرۇش، رەھبەرلىك قىلىش، ۋەقە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنى باشقۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيداندىكى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش؛ ئايروپىلان ھادىسىسى ۋە ئېغىر ۋەقەلەرنى ئۈزلۈك كېسىل، مۇستەقىل، ئادىل ۋە دەل ۋاقتىدا تەكشۈرۈش؛ مەسئۇلىيەت تېخى بېكىتىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، تولۇق سەۋەب ۋە نەتىجىلەرنى يەكۈنلەپ ئومۇميۈزلۈك ۋە توغرا دوكلات يېزىش، ۋەقەنىڭ ئەھۋالى ۋە سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈش؛ ۋەقەنى تەكشۈرۈشنىڭ ئالاقىدار قانۇن بەلگىلىمىلەرگە مۇۋاپىق كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش؛ خەلقئارادا يۈز بەرگەن ئايروپىلان ھادىسىسىگە ھەمكارلىشىش ۋە تەكلىپ بېرىش، دۇنيانىڭ ئاۋىياتسىيە بىخەتەرلىكىنى ياخشىلاش؛ ۋەقەنى تەكشۈرۈش جەريانىدىكى تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش ۋە ئېلان قىلىش ئارقىلىق ئاۋىياتسىيە بىخەتەرلىكىنى ياخشىلاش؛ ۋەقەدە ساق قالغانلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ئىنسانپەرۋەرلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىش، ئۇلارغا ۋەقەنى ياخشى چۈشەندۈرۈش، شۇ خىل ۋەقەنىڭ يەنە يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن تەدبىر قوللىنىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  ئايروپىلان ھادىسىسىنى تەكشۈرۈش ئورنى ئىلگىرى كۆپ قېتىم ئېغىر ۋەقەلەرنى تەكشۈرۈشكە قاتناشقان، مەسىلەن 1988-يىلى روكبىدىكى ئايروپىلان ھادىسىسى. 1988-يىلى 21-دېكابىر، ئامېرىكىنىڭ پان ئامېرىكا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ بوئىن 747 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى شوتلاندىيەنىڭ روكبى بازىرىنىڭ ئاسمىنىدا پارتلاپ كەتكەن، ۋەقەدە ئايروپىلاندىكى 259 ئادەم يەردىكى 11 ئادەم قازا قىلغان، بۇلارنىڭ 189ى ئامېرىكىلىق ئىدى. ئايروپىلان ھادىسىسىنى تەكشۈرۈش ئورنى تەكشۈرۈشكە قاتناشقان ھەمدە ۋەقە ئايروپىلاننىڭ ئالدىنقى مال بۆلمىسىنىڭ سول تەرىپىگە قويۇلغان بىر چاماداندىكى ئاددىي پارتلاتقۇچنىڭ پارتىلىشىدىن يۈز بەرگەن دەپ بېكىتكەن.

  بۇندىن باشقا، 1999-يىلى كورىيە ئاۋىياتسىيەسىنىڭ بوئىن 747 تىپلىق مال ئايروپىلانى لوندىن ئۇچۇپ ئۇزاق ئۆتمەي چۈشۈپ كەتكەن، ئايروپىلان ھادىسىسىنى تەكشۈرۈش ئورنى تەكشۈرۈشكە قاتناشقان ھەمدە ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى تەھلىل قىلىش دوكلاتىنى چىقارغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر