- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


قىرىمدىن چېكىنگەن ئۇكرائىنا قىسمى قايتا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ
2014.03.25 10:02 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئۇكرائىنانىڭ مۇۋەققەت زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان پارلامېنت باشلىقى تۇرچىنوف تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: ئۇكرائىنا دۆلەت بىخەتەرلىك ۋە دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنى قىرىمدىن چېكىنگەن قىسىملارنى قايتا ئورۇنلاشتۇرۇشقا بۇيرىدى.
قىرىم ئاۋاز بېرىش نەتىجىسىگە ئاساسەن 17-مارت ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەت ئىكەنلىكىنى جاكارلاپ، رۇسىيە فېدېراتسىيەسىگە قوشۇلۇشنى تەلەپ قىلدى. قىرىم ھۆكۈمىتى قارىشى تۇرۇشنى خالىمىغان ئۇكرائىنانىڭ قىرىمدا تۇرۇشلۇق قىسىمىنىڭ تېزدىن يېرىم ئارالدىن چېكىنىشنى تەلەپ قىلدى. 22-مارت رۇسىيە ئالاھىدە قىسمى بىلەن قىرىم قوغدىنىش قىسمىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقتىن، ئۇكرائىنانىڭ قىرىمدا تۇرۇشلۇق ئاخىرقى ئىككى قىسمى ھەربىي لاگىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر