- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئىراق بىخەتەرلىك قىسمى ھۆكۈمەتكە قارشى ئاز دېگەندە 50 قۇراللىق خادىمنى ئېتىپ تاشلىدى
2014.03.25 08:54 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئىراق ساقچىلىرى 23-مارت مۇنداق دېدى:ئىراق بىخەتەرلىك قىسمى شۇ كۈنى ھۆكۈمەتكە قارشى ئاز دېگەندە 50 قۇراللىق خادىمنى ئېتىپ تاشلىدى. ئۇندىن باشقا كۆپلىگەن جايلاردا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ھۇجۇمدا 12 كىشى قازا قىلدى.
ئۆتكەن يىلىنىڭ بېشىدىن بۇيان، ئىراقتا تېررورلۇق ھەرىكەتلەر ۋە زوراۋانلىق ھۇجۇم ۋەقەلىرى كۆپ يۈز بېرىپ ، بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى كەسكىن بولدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىراققا ياردەم بېرىش ئۆمىكى ئېلان قىلغان ئاخباراتقا قارىغاندا، 2013-يىلى ئىراقتا يۈز بەرگەن تۈرلۈك تېررورلۇق ھۇجۇم ۋە زوراۋانلىق توقۇنۇشىدا 8 مىڭ 868 كىشى قازا قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە 7 مىڭ 818 كىشى پۇقرا ئىكەن. بۇنىڭدىن باشقا 18 مىڭدىن كۆپرەك كىشى يارىلانغان بولۇپ، يېقىنقى يىللارغا قارىغاندا ئەڭ كۆپ بىر يىل بولغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر