باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئافغانىستان سايلىمىدىن ئىلگىرى ۋەزىيەت جىددىيلەشتى(2)

2014.03.20 16:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئافغانىستان بىلەن ئامېرىكىنىڭ «ئىككى تەرەپلىك بىخەتەرلىك كېلىشىمى»دىن باشقا، ئافغانىستان سايلىمىنىڭ ئۆزىلا نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەرگە تولغان. ھازىر ئافغانىستاندا توققۇز نامزات سايلامغا قاتنىشىدۇ. ئافغانىستان سايلىمى قائىدىسىگە ئاساسەن، ئەگەر نامزاتلار بىرىنچى قېتىملىق ئاۋاز بېرىشتە %50تىن يۇقىرى ئاۋازغا ئېرىشەلمىسە، ئاۋاز سانى يۇقىرى بولغان ئىككى نامزات 2-قېتىملىق ئاۋاز بېرىشكە قاتنىشىدۇ. بەزى تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، نامزاتلارنىڭ بىرىنچى قېتىملىق ئاۋاز بېرىشتە يىرىمدىن كۆپ ئاۋازغا ئېرىشىش مۇمكىنچىلىكى ناھايىتى ئاز، 2-نۆۋەتلىك ئاۋاز بېرىشكە قاتنىشىشى مۇمكىن.

  ئافغانىستان سايلىمى دۇچ كېلىدىغان يەنە بىر ئۆزگىرىش- بىخەتەرلىك مەسىلىسى. ئافغانىستان مەملىكەت ئىچىدە يېقىنقى مەزگىلدە زوراۋانلىق ۋەقەلىرى روشەن كۆپ بولماقتا، ئافغانىستاندىكى تالىبانلارمۇ تەھدىت سېلىپ، بارلىق ئۇسۇللار بىلەن سايلامنى قالايمىقانلاشتۇرىمىز، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، بىخەتەرلىكنى قوغدىغۇچىلار ، ئاۋاز بېرىش پونكىتىدىكى خىزمەتچىلەرگە ھۇجۇم قىلىمىز، دېدى ھەمدە ئافغانىستاندىكى پۇقرالارنى ئاۋاز بېرىشكە قاتناشماسلىققا ئاگاھلاندۇردى. سايلامدا تالىبان قاتارلىق قۇراللىق كۈچلەرنىڭ قانداق ھەرىكەت قوللىنىشى، ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ سايلام مەزگىلىدە بىخەتەرلىكنى ئۈنۈملۈك قوغداش-قوغدىيالماسلىقى سىرتتىكىلەر ئومۇميۈزلۈك دىققەت قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى.

  پاكىستان پارلامېنتى كېڭەش پالاتاسى دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ رەئىسى، كېڭەش پالاتا ئەزاسى مۇشاھىد ھۆسەيىن مۇنداق دېدى: ھازىر ئافغانىستاندىكى نۇرغۇن پىرزدېنتى نامزاتلىرى پىرزدېنتى بولۇپ قالسا، ئامېرىكا بىلەن «ئىككى تەرەپلىك بىخەتەرلىك كېلىشىمى»نى ئىمزالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. چۈنكى كارزايى ئاخىرغىچە قاتتىقلىق قىلغان بىلەن ئافغانىستان يېڭى ھۆكۈمىتى ئامېرىكا بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىشى مۇمكىن. ھازىر ھەل قىلىشقا تىگىشلىك مەسىلە- ئۇزاق مەزگىل ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ئافغانىستان يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ كەلگۈسىدە زېمىننى قوغداش، دۆلەتنى قايتا قۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئۈستىگە ئېلىش-ئالالماسلىقى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر