باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئېلىمىزنىڭ مالايسىيانىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان ئايروپىلانىنى ئىزدەش خىزمىتى جىددىي داۋاملاشماقتا(2)

2014.03.19 17:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىزدەش، قۇتقۇزۇش كۈچىنى ئازايتماسلىق جۇڭگونىڭ قۇتقۇزۇش كۈچىنى ساقلاش ھەتتا قۇتقۇزۇش كۈچىنى كۆپەيتىپ، ئازىراقلا ئۈمىد بولسا ئەڭ زور دەرىجىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ؛ تەڭشەش بولسا جۇڭگونىڭ ئىزدەش، قۇتقۇزۇش كۈچىنىڭ يېڭى ۋەزىپە رايونىغا مەركەزلىشىپ، قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ؛ سەرخىللاشتۇرۇش: ھۆكۈم، ئانالىزنى كۈچەيتىپ، يېڭى ئەھۋاللارغا ئاساسەن ئىلمىي، مۇۋاپىق بولغان ئىزدەش، قۇتقۇزۇش لايىھەسىنى تۈزۈشتىن دېرەك بېرىدۇ. نۆۋەتتە خەيكۇ پاراخوتى، دېڭىز چارلاش 31-پاراخوتى، يۇڭشىڭ ئارىلى پاراخوتى قاتارلىق پاراخوتلار مالاككا بوغۇزىنىڭ بەلگىلەنگەن دېڭىز ساھىلىدا ئىزدەش، قۇتقۇزۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگو دېڭىز ئۈستىدە ئىزدەش، قۇتقۇزۇش مەركىزى ئىزدەش، قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە سودا پاراخوتلىرىنى ئىزدەش، قۇتقۇزۇشقا تەشكىللىدى.

  ئۇچۇر ئۈنۈملۈك ئىزدەشنىڭ مۇھىم شەرتى. مالايسىيە ئايروپىلان ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قېلىشتىكى ئاساسلىق مەسئۇل تەرەپ بولۇش سۈپىتى بىلەن مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن كۈچىنىڭ يىتىشىچە جۇڭگونى ئېنىق، ئومۇمىيۈزلۈك، توغرا ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ. شۇڭا، جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى شې كاڭشېڭ يېقىندا مالايسىيانىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سالاھىدىن بىلەن جىددىي كۆرۈشۈپ، مالايسىيانى ئىزدەش، قۇتقۇزۇش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىشقا، ئىزەش، قۇتقۇزۇشتا جۇڭگو بىلەن زىچ ئالاقىنى ساقلاپ، جۇڭگوغا ئەھۋالنى تېخىمۇ تولۇق، ئېنىق يەتكۈزۈشكە دەۋەت قىلدى.

  ئىزدەش، قۇتقۇزۇش خەلقئارا ھەمكارلىقتىن ئايرىيالمايدۇ. ئىزدەش، قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ مۇشەققەتلىكىنى ھەممەيلەن بىلىدۇ، بەزىلەر ئىزدەش، قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى دېڭىزدىن يىڭنە ئىزدەشكە ئوخشىتىۋاتىدۇ، ئىزەش نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايونغا چېتىلىدىغانلىقى سەۋەپلىك بىر دۆلەتنىڭ كۈچىگە تايىنىش بىلەن ئىش پۈتمەيدۇ. شۇڭا، جۇڭگو ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇقتا تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئىزدەشنى قانات يايدۇرماقتا.

  قىيىنچىلىق پەيتىدە، ۋەتەن كۈچلۈك قالقان بولالايدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئادەمنى ئاساس قىلىش، دىپلوماتىيەنى خەلق ئۈچۈن يۈرگۈزۈشتەك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيىسى بويىچە دۆلەت ۋە ئوكيان ھالقىغان كەڭ كۆلەملىك ئىزدەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرماقتا، ئۇنىڭ نىشانى- ئايروپىلاندىكى قېرىداشلارنى ئىزدەپ تېپىش.

  ھەر قېتىم چەتئەللەردىكى جۇڭگولۇق قېرىنداشلار مۈشكۈلاتقا يولۇققاندا ۋەتەننى يادىغا ئالماي قالمايدۇ، ۋەتەن ئۇلارنىڭ ئەڭ كۈچلۈك تايانچى ھېسابلىنىدۇ. قىرغىزىستاندىكى قالايمىقانچىلىق مەزگىلىدە ئايروپىلان ئاجرىتىپ مۇھاجىرلارنى قۇتقۇزۇش، مىسىردا قالايمىقانچىلىق يۈز بەرگەندە قېرىنداشلارنى قايتۇرۇپ كېلىش، دېڭىز، قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋا يولى ئارقىلىق لىۋىيەدىكى قېرىنداشلارنى قايتۇرۇپ كېلىشكىچە ۋەتىنىمىزنىڭ ئۆز پۇقرالىرىنى ھىمايە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر