باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو نامراتلىققا جەڭ ئېلان قىلىپ، دۇنيانىڭ نامراتلىقنى تۈگىتىشىگە تۆھپە قوشتى(2)

2014.03.12 10:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ قارايدىغان بولساق، جۇڭگو جەمئىيىتىدە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى زىدىيىتى ئىزچىل تۈردە ئادەم بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرىسىدىكى زىدىيەت بولۇپ، بۇ نوپۇس، تەرەققىيات ۋە بايلىق، ئىكىلوگىيەلىك مۇھىتتىن ئىبارەت ئاساسىي زىدىيەتلەردە گەۋدىلىنىدۇ. بۇ شۇنداقلا يەنە بۇلارنىڭ ئىزچىل تۈردە جۇڭگونىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك زامانىۋىلىشى مۇساپىسىدا دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ خىرىس ۋە چەكلىمىگە ئۇچرىغان ئامىلنىڭ بىرى بۇلۇشىنى بەلگىلىگەن.

  21-ئەسىرگە كىرگەندىن كېيىن، جۇڭگو دۇنيادىكى 2-چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىش دۆلىتىگە، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سودا گەۋدىسىگە ئايلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئېنىرگىيە ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستىمال قىلىش دۆلىتى، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ توك ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستىمال قىلىش دۆلىتى، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئاساسلىق بۇلغىما قويۇپ بېرىش دۆلىتىگە ئايلاندى. شۇڭا بۇلغۇمىغا جەڭ ئېلان قىلىش جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ ئېغىر ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

  زۇڭلى لى كېچياڭ بۇلغىمىغا جەڭ ئېلان قىلىشنىڭ 2014-يىللىق ھەرىكەت نىشانى ۋە پىلانىنى ئېلان قىلدى. يەنى تۇمان توزان كۆپ يۈز بېرىدىغان ئالاھىدە چوڭ شەھەر ۋە رايونلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، زەررىچە PM2.5 ۋە ئۆپكىگە كىرىپ كېتىدىغان زەررىچە PM10نى ئازايتىشنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، ئاتموسفىرانىڭ بۇلغۇنىشىدىن ساقلىنىش پىلانىنى يولغا قويۇش؛ كۆمۈر كۆيدۈرىدىغان كىچىك پار قازاندىن 50 مىڭنى بىكار قىلىش، كۆمۈر كۆيدۈرۈپ توك چىقىرىش تېخنىكىسىنى ئىلغارلاشتۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەر قوللىنىلىدۇ.

  بۇ دۇنيادىكى 200 نەچچە دۆلەت ۋە رايون ئارىسىدا قوللىنىلىغان ئەڭ قاتتىق، ئەڭ چوڭ كۆلەملىك بۇلغۇمىنى تۈگىتىش ھەرىكىتى شۇنداقلا دۇنيا بويىچە سەپەرۋەر قىلىنغان، تايانغان خەلق ۋە قاتنىشىدىغان ئادەم سانى ئەڭ كۆپ بولغان «خەلق جېڭى». بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، جۇڭگو نامراتلىققا جەڭ ئېلان قىلىپ، دۇنيانىڭ نامراتلىقنى تۈگىتىشىگە غايەت زور توھپە قوشقىنىغا ئوخشاش، بۇلغىمىغا جەڭ ئېلان قىلسا، ئوخشاشلا دۇنيانىڭ بۇلغىمىنى ئازايتىشىغا غايەت زور تۆھپە قوشالايدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر