10-چېسلا، جۇڭگو دېڭىزدا قۇتقۇزۇش مەركىزى 10-چىسلادىن 12-چىسلاغىچە بولغان ئىزدەش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىپ، مالايسىيا، ۋيېتنام قۇتقۇزۇش ئورگانلىرى بىلەن كېڭەشكەندىن كېيىن، ئىزدەش لايىھەسىنى ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ مىيەنياڭ ناملىق پاراخوتى ۋە جۇڭگو دىڭىز ساقچى ئىدارىسىنىڭ 3411-نومۇرلۇق پاراخوتىغا تەمىنلەپ بەرگەن، پاراخوتلار دېڭىزدىكى ئىزدەش رايونىدا رادار، سونار قاتارلىقلار ئارقىلىق دېڭىز ئۈستى ۋە ئاستىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان. 10-چىسلا سائەت 21-گىچە گۇمانلىق لەيلىمىلەر ياكى دېڭىز ئاستىدا گۇمانلىق جايلار بايقالمىدى.
مەنبە: خەلق تورى